مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى: 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئومۇمىي نىسبىتى %53.6 كە يەتتى

2019.07.31 17:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسى «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى»دىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت تەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «بىرنى كۆپەيتىش، بىرنى ئازايتىش، بىرنى كاپالەتلەندۈرۈش» ئارقىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «نۆۋەتتە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەر كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ». شاڭخەي تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چېن پېيجېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى 1985-يىلىدىكى %1.1تىن 2014-يىلىدىكى %20.4كە، سېمىزلىك نىسبىتى %0.5تىن %7.3كە ئۆرلىدى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا بۇ سانلىق مەلۇماتلار بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەن ساغلاملىق سەۋىيەسىدە «ياش چوڭايغانسېرى تۆۋەنلەش» ئەھۋالى كۆرۈلدى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساپاسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكىدىن تېخىمۇ تۆۋەن بولدى.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىمۇ ناھايىتى كەسكىن بولغان. سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە بالىلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئومۇمىي نىسبىتى %53.6كە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %36.0كە يەتكەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %71.6، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %81.0 بولغان.

  ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئەڭ سەزگۈر نىشانى.

  قانداق قىلغاندا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، تەنتەربىيە چېنىقىشى ۋە دالا پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش، ئىككىنچىدىن، مۇھىم بولمىغان دەرس بېسىمىنى يېنىكلىتىش، ئۈچىنچىدىن، يورۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، كۆزنى ئىلمىي ئىشلىتىش بىلىملىرىنى ئىگەللەش، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار. «بۇ ئۈچ تەرەپتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئورۇندالسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولىدۇ.»

  ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئۈچ جەھەتتىن قاراشقا بولىدۇ: بىرىنچى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلدى. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ ئىككىنچى، پۈتۈن جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسىگە بىرلىكتە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار بولۇش، داۋاملىق تۆۋەن بولۇش يۈزلىنىشىنى ئورتاق توسۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش يولىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار نازارەت قىلىپ قوغداش رولىنى ياخشى ئۆتەش كېرەك. ئۈنۈملۈك ھالدا بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە نازارەتچىلىك قىلىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ