مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشتە كۆپ ئۇخلاپ بەرسە نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن

2019.07.31 17:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  خەلق تورى خەۋىرى: ئامېرىكا داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، چۈشتە كۆپرەك ئۇخلايدىغان بالىلار بەلكىم خۇشال-خۇرام بولۇپ، نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە، ئۇيقۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بالىلار ئارىسىدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، تەخمىنەن ھەر بەش بالىنىڭ ئىچىدىكى بىر بالىدا كۈندۈزدە مۈگدەش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، بىلىش ئىقتىدارى ۋە كەيپىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جياڭخۇڭ كوللېكتىپى 3819 بالىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە فىزىيولوگىيەلىك ساغلاملىق دەرىجىسى، شۇنداقلا ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ سىناققا كىرگۈزۈلگەن. تەتقىقاتچىلار جەمئىي 2928 بالىنىڭ مۇكەممەل سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ، بۇنى كېيىنكى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا ئىشلەتكەن.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، چۈشتە كۆپ ئۇخلايدىغان بالىلار خۇشال-خۇرام يۈرىدىكەن، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئۈنۈمى شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ چۈشتە ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ 6- يىللىقتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى % 7.6 يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئەلۋەتتە، بۇ تەتقىقات باغلىنىشلىق تەتقىقات بولۇپ، چۈشلۈك ئۇيقۇ بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ نەتىجىلەر بەلكىم كىشىلەرگە چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرالىشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ