مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاتلىق يېمەكلىكلەر ئىشتەينى ئېچىۋېتىدۇ

2019.07.31 17:49 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ساغلاملىق ۋە بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش يولىدا تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر ئىزچىل توسالغۇ بولۇپ كەلدى. تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى توختاتقىلى بولمايدۇ؟ ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەمنىڭ يېگەنسېرى يېگۈسىنى كەلتۈرىدىكەن.

  ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا داشۆسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى چوڭ مېڭىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى يېمەكلىك يېيىشنى كونترول قىلىدىغان رايون __ سىرتقى قىسمىدىكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گلۇتامىك كىسلاتا ئېنېرگىيەسى نېۋرونىنىڭ تاماق يېيىشنى تورمۇزلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار كىچىك تەجرىبە چاشقىنىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان، 1-گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنىڭ يېمەكلىك مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلغان، 2-گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا ئادەتتىكى نورمال چاشقان يېمەكلىكى بەرگەن(ھەم قۇرغاق، ھەم تۇزلۇق، تەمى ناچار يىرىك يېمەكلىك)، 3-گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا يۇقىرى مايلىق چاشقان يېمەكلىكىنى بەرگەن، بۇ چاشقانلار 12 ھەپتىدىلا سەمرىپ كەتكەن. قوش فوتونلۇق مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزەتكەندە كىچىك چاشقاننىڭ يېمەكلىك يېگەندىن كېيىنكى ھۈجەيرە پائالىيىتىدىن قارىغاندا، بىر كۈن ئاچ قالغان 1-گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەمدىلا تويغان 2-گۇرۇپپا ۋە 3-گۇرۇپپىدىكى كىچىك چاشقانلارنىڭ تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە رايونىدىكى نېۋرون ئاكتىپلىقى چۈشۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ شېكەرگە بولغان ئىنكاسى كۆپ بولغاندا %80 چۈشۈپ، يېمەكلىكنى كونترول قىلشقا ئامالسىز قالغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىم تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەيدىغان چاشقانغا شېكەر سۈيى ئىچكۈزگەندە، چوڭ مېڭىسى ناھايىتى تېزلا «يېتەرلىك» دېگەن سىگنالنى بېرىدىكەن. بۇ خىل ھادىسىگە بېرىلىدىغان چۈشەندۈرۈش بولسا: تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ ئىشتىھا مەركىزى ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئىنكاسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېيىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلىغا بېسىلغان.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ