مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەھۋە ئىچكەندە، يىقىلىپ چۈشۈش خەتىرى ئاز بولىدۇ

2019.07.31 17:49 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تۇرمۇشتا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈش دائىم كۆرۈلىدىغان ئىش، ياشلارنىڭ بىرەر يېرى ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ كەتسە ھېچ گەپ ئەمەس، لېكىن ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دۇنيا خاراكتېرلىك قېيىن مەسىلىگە ئايلاندى. يېقىندا، ئىسپانىيەدىكى مەلۇم داشۆنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئادەتتە قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار كىشىلەرنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش خەتىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىسپانىيە ۋە ئەنگىلىيەدە ئولتۇراقلاشقان 12 مىڭ نەپەر 60 ياشتىن ئاشقان ئەر-ئايالنى ئوبيېكت قىلىپ، قەھۋە ئىچىش ئادىتى بىلەن يىقىلىپ چۈشۈش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيەنىڭ ئىز قوغلاش ۋاقتى ئالتە يىل، ئەنگلىيەنىڭ ئىز قوغلاش ۋاقتى 10 يىل بولغان. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىستاكاندىن ئاز قەھۋە ئىچىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكاندىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغانلارنىڭ يىقىلىپ كېتىش خەتىرى %26 تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقاتچىلار بازاردا سېتىلىۋاتقان تەركىبىدە كوففېئىن بار ئادەتتىكى قەھۋە بىلەن كوففېئىن مىقدارى تۆۋەن قەھۋەنى ئايرىم تەھلىل قىلىپ، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكاندىن يۇقىرى ئادەتتىكى قەھۋە ئىچكەن سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يىقىلىپ كېتىش خەتىرىنىڭ %30 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ئەمما تۆۋەن كوففئېنلىق قەھۋە ئىچكەنلەرنىڭ يىقىلىش چۈشۈش خەتىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ تەتقىقات ماقالىسى «ئامېرىكا كلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

  تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەھۋە ئىچىش دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە مۇسكۇل يىگىلەش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يىقىلىپ چۈشۈشتىكى يۇقىرى خەۋپلىك ئامىللار. بۇنىڭدىن باشقا، كوففېئىن ئادەمنىڭ دىققىتىنى ۋە ھۇشيارلىقىنى ئاشۇرۇپ، يىقىلىپ چۈشۈش ئالدىدىكى ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ