مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغاندا سەمرىپ كېتىدىكەن

2019.07.31 17:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سەمرىپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئەنگلىيە ۋورىك داشۆسىنىڭ ئالىملىرى بۇندىن بۇرۇنقى 42 تۈرلۈك تەجرىبە نەتىجىسىنى رەتلەپ تەھلىل ئېلىپ بارغان، بۇ تەجرىبە نەتىجىسى 18 ياشتىن تۆۋەن 75 مىڭ بالا ۋە ياش – ئۆسمۈرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە زىيارەت قىلىنىش ۋاقتى ئۈچ يىل. تەتقىقاتچىلار سوئال- جاۋاب قەغىزى ۋە تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تەتقىقات ئوبيېكىتلىرىنىڭ دەم ئېلىش ئادىتى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى قەرەللىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىش ياكى سەمرىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %58 يۇقىرى چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 11-4 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى ئۇيقۇسى 12 سائەتكە يەتمىسە سەمرىپ كېتىش نىسبىتى %40، 5-3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى ئۇيقۇسى ئون سائەتكە يەتمىسە سەمرىپ كېتىش خەۋپى %57، 13-6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى ئۇيقۇسى توققۇز سائەتكە يەتمىسە سەمرىپ كېتىش خەۋپى %123، 17-14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى ئۇيقۇسى سەككىز سائەتكە يەتمىسە سەمرىپ كېتىش خەۋپى %30 ئاشىدىكەن.

  ئامېرىكا «ئۇيقۇ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش يۈرەك كېسىلى ۋە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ كېسەللىكلەرمۇ ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. تەتقىقاتچىلار مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئۇزارتىش بالىلارنىڭ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاددى ۋە ئاسان ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ