مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېۋە شەربىتىنى زىيادە كۆپ ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق

2019.07.31 17:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك ۋە باشقا قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كىشىلەر مېۋە شەربىتىنى تېخىمۇ ساغلام دەپ قارايدۇ. ۋاھالەنكى، ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مېۋە شەربىتىنى زىيادە كۆپ ئىچكەندىمۇ ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، ئۆلۈم خەۋپى كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەردىن قېلىشمايدىكەن.

  ئامېرىكا ئېممېرى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىقى يەكۈننى يىغىنچاقلاپ چىققان، بۇ تەكشۈرۈش 45 ياشلىق 13 مىڭ 440 نەپەر ئامېرىكىلىققا چېتىلىدۇ. ئۇلار %100لىك مېۋە شەربىتى ۋە كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك قاتارلىق قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئادىتى بويىچە سوئال - جاۋاب سىنىقىغا قاتناشقان. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قىلىنغان ئالتە يىل جەريانىدا، 168 ئادەم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن، 1000 ئادەم باشقا سەۋەبلەر بىلەن قازا قىلغان.

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىك قاتارلىق سەۋەبتىن باشقا، كۈنىگە ھەر قېتىم 355 مىللىلېتىر مېۋە شەربىتىنى ئارتۇق ئىچكەندە، ئۆلۈم خەۋپى %24 يۇقىرى بولىدىكەن؛ كۈنىگە ھەر قېتىم 355 مىللىلېتىر قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكنى ئارتۇق ئىچكەندە ئۆلۈم خەۋپى %11 يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ نەتىجىگە قارىتا ئانچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىغان، چۈنكى %100لىك مېۋە شەربىتى بىلەن قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكنىڭ تەركىبى «ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.»

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: « %100لىك مېۋە شەربىتى تەركىبىدە بىر قىسىم ۋىتامىن ۋە ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بار، بۇ كۆپ قىسىم قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەردە يوق، لېكىن بۇ ئىككى خىل ئىچىملىكنىڭ ئاساسلىق تەركىبى شېكەر بىلەن سۇ. گەرچە قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى شېكەر پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا قوشۇلىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، %100لىك مېۋە شەربىتىنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر تەبىئىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىنى تەمىنلەيدىغان شېكەر ماددىسى ئوخشاش، شۇڭا ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ئوخشاش بىر خىل بىئو خىمىيە ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

  ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە «ئامېرىكا يېمەكلىك كۆرسەتمىسى»نىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسلانغاندا، بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك مېۋە شەربىتى ئىچىش مىقدارى 177 مىللىلېتىر، يەتتە ياش ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك مېۋە شەربىتى ئىچىش مىقدارى 236 مىللىلېتىردىن ئاشماسلىقى كېرەك ئىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ