شىئەن قاتناش داشۆسى 1-شۆبە دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن لى جىڭيۈەن
سېزىك ئالامىتى بىر خىل «بەختلىك باش ئاغرىقى» ھېسابلىنىدۇ. بۇنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟
1. ياندۇرۇش مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇش. ھېچكىم بىكاردىن-بىكار ياندۇرمايدۇ، قانداق نەرسە ياندۇرۇشقا سەۋەب بولسا، شۇنداق «ياندۇرۇش مەنبەسى»دىن يىراق تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك، مايدا قورۇپ ئېتىلىدىغان تاماقلار تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان تاماقلار مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇنىڭدا ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
2. سۇ ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئەڭ ياخشىسى ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا سۇ ئىچىش، تاماق يەۋاتقاندا قىسقا ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاشقازاندىكى ماددىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سۇ ئىچكەندە ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىچىش، ئېغىزدا سەل تۇرغۇزۇپ ئاندىن يۇتۇش كېرەك، شۇنىڭدا ئاشقازان-ئۈچەي تېخىمۇ راھەت بولىدۇ. ئەگەر ياندۇرۇش قېتىم سانى كۆپ بولسا، تەركىبىدە ناترىي، كالىي، گىلۇكوزا بولغان ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندە يوقىغان ئېلېكتىرولىتلارنى تولۇقلاشقا بولىدۇ.
3. جۈزە، نىڭمېڭ، يالپۇز پۇراش ئارقىلىق كۆڭلى ئېلىشىشنى باسقىلى بولىدۇ. ياكى زەنجىۋىل پارچىسىنى دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازان-ئۈچەيدىكى بىئاراملىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئەگەر يەنە بولمىسا، ئازراق زەنجىۋىل كەمپۈتى ياكى خۇامېي شۈمۈپ بەرسىمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
4. ۋىتامىن B6 ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ۋىتامىن B6نىڭ ياندۇرۇشنى پەسەيتىش ئۈنۈمى ياخشى. سېزىك ئالامىتىگە چىدالماي قالغاندا، تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرلىرىدىن ۋىتامىن B6 يېزىپ بېرىشنى سوراشقا بولىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بىرىكمە ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسىنىمۇ ھەر كۈنى يېيىشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B6 مول بولۇپ، بۇنىڭدا «يېيىش» ئارقىلىق «ياندۇرۇش»نى پەسەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
5. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش. ھەرىكەت قىلىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھانى كۈچەيتىدۇ، يەل ۋە تەرەت ھەيدەشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ھەرىكەت قىلغاندا ئادەم جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېنىكلەيدۇ-دە، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇشقا بولغان دىققەت يۆتكىلىدۇ. ياندۇرۇپ بىئاراملىق ھېس قىلغان چېغىڭىزدا، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە كۆپرەك سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ بەرگەننىڭ زىيىنى يوق.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى يېنىك دەرىجىدىكى سېزىك ئالامىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. ئەگەر بىرقەدەر ئېغىر ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، مەسىلەن: قېتىم سانى كۆپ بولسا (كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق)، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كەتسە ياكى قاتتىق ياندۇرسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش، سۇسىزلىنىش، كالىي تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاق ۋە ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.