مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇلغانمىغان كۆپ مايلىق بېلىقلار 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

2019.07.31 17:47 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىندا تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، بۇلغانمىغان نەرسىلەر بىلەن كۆپ ئوزۇقلانغان كۆپ مايلىق بېلىقلار 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەزى تەتقىقاتلاردا، كۆپ مايلىق بېلىقلارنى ئىستېمال قىلسا 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما شۋېتسىيە چالمېرس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا يەتتە يىل بولغان 421 بىمار ۋە 421 ساغلام ئادەمنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. ئىككى گۇرۇپپا تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار كۆپ مايلىق بېلىقلارنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە بولغان تەسىرىدىكى پەرىقنىڭ بۇ بېلىقلارنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىدىن كەلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۆلچەش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار ئۈچ خىل ئورگانىك بۇلغىغۇچى ماددا دىئوكسىن، DDT ۋە پولىخلوروبىفېنىلنى بايقىغان. ئۇلار ياغدا ئېرىگۈچى ماددىلارغا تەۋە بولۇپ، ئاساسلىقى بېلىق، گۆش تۈرلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يۇقىرى مايلىق ھايۋانات يېمەكلىكلىرىدە مەۋجۇت ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلغانمىغان كۆپ مايلىق بېلىقلارنىڭ قان شېكىرىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى، ئەمما بېلىقلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇلغانسا، كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بۇنداق بېلىقلارنىڭ دىيابېت كېسىلى پەيدا قىلىش خەۋىپى ئۇنىڭ پايدىسىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سېلد بېلىقى ۋە ياۋا سالمون بېلىقى قاتارلىق بېلىقلارنىڭ ماي تەركىبى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بۇلغىمىلارنى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇلغانمىغان رايونلاردا بېقىلغان مايلىق بېلىقلارنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ