جۈزە ھەمىمىزگە تونۇش مېۋە، جۈزە تەملىك ھەم شىرنىسى كۆپ بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ئۇنداقتا جۈزە ھەققىدە قانچىلىك بىلىملەرنى بىلىسىز؟ جۈزىنى قانداق ئىستېمال قىلغاندا ئادەم تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؟ جۈزە پوستى ئۇنىڭ شۆپىكىمۇ؟ بۇ ھەقتە قىسمەن كىشىلەر خاتا چۈشەنچىدە بولۇشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بۇ خاتا چۈشەنچىنىڭ سالامەتلىككە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيىنى بار.
جۈزە يېسە ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ؟
جۈزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ، بەدەندىكى خولېستېرىن ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشتە ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە. ئەمما جۈزىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپلا قالماي، ئېغىز ۋە تىلغا جاراھەت چىقىپ، ئېغىز قۇرغاقلىشىش، گال قۇرۇش، ھەمدە قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «جۈزە يېسە ئادەمنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش» دېگەنلىك ئاساسلىقى جۈزە يېيىشكە قولايلىق بولغاچقا، ئادەم ئاسانلا كۆپ يەۋالىدىكەن، يەنە كېلىپ، جۈزە تەركىبىدە قەنتنىڭ مىقدارى بەك يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى قەنت گال ھۈجەيرىسىدىكى بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ سىرغىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يۇقىرى قەنتلىك مۇھىتتا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر جانلىنىپ چىش مىلىكى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمدە قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ