باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

داۋاملىق موگو يەپ بەرگەندە كاللا ئۆتكۈر بولىدۇ

2019.07.18 17:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ​سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ياشانغانلار ھەر ھەپتىدە ئىكى كىشىلىكتىن كۆپ موگو يېگەندە، بىلىش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %50 تۆۋەنلەيدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، موگونىڭ تەركىبىدە ئالاھىدە بىرىكمە ــ ئېرگوتىئون بولۇپ، بىلىش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئېرگوتىئون ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى بىر خىل ئۆزگىچە دورا بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزلۈكىدىن بىرىكتۈرۈشكە ئامالسىز ئىكەن. ئەمما، ئۇنى يېمەكلىكتىن ئايرىۋېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق مەنبەسى موگو ئىكەن.

  بۇ تەتقىقاتقا سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق 60 ياشتىن يۇقىرى 663 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ سانلىق سىفىرى يىغىلغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسى سىناققا قاتناشتۇرۇلغانلارنىڭ سىنگاپوردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالتە خىل موگو (جىنجىنگۇ، پىڭگۇ، شياڭگۇ، بەيموگۇ)نى ئىشلىتىش مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتتا، بىر كىشلىك موگو 150 گىرام بولۇپ، ئىككى كىشلىك موگو يېرىم تەخسىگە تەڭ كېلىدىكەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە بىر كىشلىك موگو يېگەن ياشانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئىككى كىشلىكتىن كۆپ موگو يېگەن ياشانغانلارنىڭ بىلىش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %43 تۆۋەن بولغان.بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ياش، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابىت، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە جەمئىيەت پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  -خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر