باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

يۈزىڭىزنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيامسىز ؟ خاتالاشتىڭىز

2019.07.18 17:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە « ELLE» ژۇرنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يۈزنى تازىلاش ۋاقتى تېرە ئاسراش ئۈنۈمى ۋە تېرە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتى كۈندۈز ۋە كېچىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل رولنى ئۆتەيدىكەن. كۈندۈزى تېرە سىرتقى قەۋىتى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىرتقى غىدىقلاشقا تاقابىل تۇرىدىغان قوغداش قەۋىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن، ئەمما كەچ كىرگەندە قايتا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كۈندۈزدە بۇزۇلغان قەۋەتنى تۈزەيدىكەن.

  ماقالىدە ئامېرىكا PureWow شىركىتىنىڭ تەتقىقاتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن، تېرە سىرتقى قەۋىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن ئادەم ئورگانىزمىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش بولۇپ، كېچە -كۈندۈز رىتىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، نۇر خىرەلەشكەندە ھۈجەيرىلەر قايتىدىن ھاسىل بولىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر تېرە ۋاقتىدا پاكىزلەنمىسە تېرە يۈزىدىكى ماددىلار تېرىنى بۇزۇۋېتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىكەن، شۇڭا كۈن پاتقاندا تېزدىن تېرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك ئىكەن.

  بۇنى، ئىسپانىيە بارسېلونا گېن گۇرۇپپىلىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىمۇ دەلىللىگەن، شۇنداقلا كەچ كىرىشى بىلەن تېزدىن تېرىنى پاكىز تازىلاشنىڭ تېرە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر