باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

كېچىلىك چىراغ يېقىپ ئۇخلاش بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

2019.07.18 17:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كېچىدە بالىلارغا سۈت بېرىش ياكى زاكىسىنى ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، كىچىك كېچىلىك چىراغ يېقىپ قويىدۇ. ئەمما، توردا تارقىلىپ يۈرگەن «چىراغ يېقىپ ئۇخلاش بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن قاراش نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالدى، كىچىك كېچىلىك چىراغ راستىنلا بالىلاردا بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ بۇ قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

  بۇنىڭغا قارىتا، چۇڭچىڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى سۇڭ سۈي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ، ئوزۇقلۇق، گېن، مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نوقۇل بىر سەۋەب ئاساسلىق ئورۇندا تۇرالمايدۇ. تومتاق قىلىپ ئېيتقاندا، چىراغ يېقىپ ئۇخلاش بالىلاردا بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېيىش بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، ھازىرچە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.

  نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمى ئىچكى ئاجراتما خاراكتېرلىك بالدۇر يېتىلىش ئامبۇلاتورىيە مۇدىرى ماۋ چېن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: نۇر مېلامىننىڭ ئاجرىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، مېلامىن ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسىنىڭ غىدىقلىنىش دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئادەم بەدىنىدىكى ھىپوفىز گونادوتروپىننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر مېلامىننىڭ ئاجرىلىشى تىزگىنلەنسە، ھىپوفىز گونادوتروپىننىڭ ئاجرىلىشى ئېشىپ، جىنسىي يېتىلىشنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېلامىن ئاجرالما سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئەڭ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان ۋاقتى قاتتىق ئۇخلىغان چاغ. ئۇخلىغاندىكى ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك: چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىغاندىن كېيىن، مېلامىن ئاجرىلىپ چىقىپ، ئادەم قاتتىق ئۇيقا ھالىتىگە ئۆتىدۇ، ئۆستۈرگۈچى ھورمون كۆپ مىقداردا ئاجرىلىدۇ. چىراغ يېقىپ ئۇخلىغاندا، مېلامىننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر يېتىپ، ئۇيقۇ ياخشى بولماي، ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ تەبىئىي ئاجرىلىش رېتىمى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.

  لېكىن بۇ نەزەرىيەۋى قاراش، ئەمەلىي تۇرمۇشتا، كىچىك كېچىلىك چىراغ يېقىپ قويۇشنىڭ تەسىرى شۇنداق چوڭ بولامدۇ؟ بۇ توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كۆپ ئەمەس. بەزى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئېغىر كېسەللەرنى كۈزىتىش ئۆيىدىكى پەرقسىز چىراغ نۇرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېلامىن ئاجرىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر يەتكۈزمىگەن. ھازىر ئىگىلىگەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، كىچىك كېچىلىك چىراغنى بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىغا باغلىۋېلىشقا بولمايدىكەن. توردا ئېيتىلغان سەپسەتە پەقەتلا ئاز ساندىكى مېسال بولۇپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىسى يوق ئىكەن.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بولغىنى، ئۇيقا ھالىتىدە ئادەم بەدىنىدە كۆپ مىقداردا مېلامىن ئاجرىلىپ چىقىپ، سىمپاتىك نېرۋىنىڭ غىدىقلىشىنى تىزگىنلەپ، بەدەن بوشاپ، ياخشى ئارام ئالغىلى بولىدىكەن. نۇر مېلامىننىڭ ئاجرىلىشىنى تىزگىنلەيدىغان بولغاچقا، ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا ئامال بار ئۇخلىغاندا قاراڭغۇ مۇھىتتا ئۇخلىتىش، پەقەت بولمىغاندا سۇس چىراغ يېقىش كېرەك ئىكەن.

  -خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر