باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چاپىقى كۆپ بولسا سەل قارىماسلىق كېرەك

2019.05.13 15:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە چاپاق كۆپ بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ». سەنشى ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى لى شيا ئەسكەرتىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چاپىقى كۆپ بولۇشى بىر چوڭ مەسىلە، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تۇغما خاراكتېرلىك ياش خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دېدى.

  لى شيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چاپىقىنىڭ كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبتىن ئاساسلىقى ئىككىسى بار: بىرىنچىسى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ياش بېزى تېخى مۇكەممەل تەرەققىي قىلمىغان، كۆز يېشى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، كۆزگە كىرگەن مىكروبلار ئاسان چىقىرىۋېتىلمەيدۇ، مىكروبلار كۆزدە زور مىقداردا كۆپىيىپ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىككىنچىسى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن، مىكروبقا بولغان قارشىلىق كۈچىمۇ بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە سەل چوڭراق بالىلاردا كېسەللىك پەيدا قىلالمايدىغان بىر قىسىم مىكروبلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن.

  بالىلارنىڭ چاپىقى كۆپ بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىنى تەڭ قوزغىشى مۇمكىن، مۈڭگۈز پەردىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن قارا رەڭدىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىپ ئاق داغ شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

  لى شيا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بوۋاقنىڭ كۆزىنىڭ بىئارام بولغانلىقى بايقالغان ھامان، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دوختۇرغا كۆرسىتىش، ھەرگىزمۇ داۋالاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر