باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: كونا بەڭگىلەر جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن تېخىمۇ بەكرەك ساقلىنىشى كېرەك

2018.01.30 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سوغۇق ھاۋادا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاسانلا قوزغىلىدۇ، ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى بۆلۈمى يېقىندا 10 نەچچە نەپەر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارىنى قوبۇل قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، سوغۇق ھاۋادا يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى، سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىق ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يەنە ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈنەشتىن ساقلىنىشى، تاماكىنى تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇشى كېرەك.

  بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن ۋۇ ئەپەندىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى بۇ مەزگىلدە مېھماندارچىلىقلىرى كۆپىيىپ كەتتى، ئەسلىدىلا كونا بەڭگى بولغان ۋۇ ئەپەندى بۇ كۈنلەردە تاماكىنى تېخىمۇ كۆپ چەكتى، يەنە دائىم تۈن بويى كىرپىك قاقماي قارتا ئوينىدى. 27-يانۋار كەچ سائەت 10دا، شىشىخال ئويناۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ دېمى سىقىلىپ، كۆكرىكى ئاغرىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. بىر نەچچە دوستى دەرھال 120 گە تېلېفون قىلىپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى.

  دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئېلېكترو كاردىئوگراممىسىدا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دەرھال جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك ئىدى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دەرھال يېشىل يول ئېچىپ، يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى بەش مىنۇت ئىچىدە قان تومۇرنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىدى. سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى تۆۋەنلىگۈچى تومۇر تامامەن توسۇلۇپ قالغان، 10 مىنۇتتىن كېيىن يېپىق قان تومۇر ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشۈپ، ۋۇ ئەپەندى خەتەردىن قۇتۇلدى.

  ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن مەنخۇا ئەسكەرتىپ: «تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ھاۋا سوغۇق مۇھىتتا تاجسىمان قان تومۇر تارتىشىپ قېلىش سەۋەبلىك يۈرەك سانجىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاپ كىتىشى، ھەتتا جىددى خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، «كونا بەڭگىلەر»نىڭ يىل ئاخىرىدا مېھماندارچىلىقى كۆپ بولىدۇ، ھاۋا قاتتىق سوغۇق مەزگىلدە، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەر بار كىشىلەر ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن تەكشۈرۈشى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ۋاقتىدا يېيىشى لازىم، كۆكرەك ئاغرىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر