باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچسىڭىز دوختۇردىن يىراق تۇرالايسىز

2017.11.29 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەھۋە ئىچىشلىك، لېكىن زادى قانچىلىك ئىچكەندە سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن جاۋاب يوق. ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى 200 نەچچە ئالاقىدار تەتقىقاتنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىشنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىشنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  جەنۇبىي ئامپتون ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى قەھۋەنىڭ بەدەننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، 200دىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ياكى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتتا يەنە، قەھۋەنىڭ بەدەنگە بولغان ئەڭ چوڭ پايدىسىنىڭ جىگەر راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىگەر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىنلىكى بايقالغان.

  بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن يېقىندىن بۇيانقى باشقا تەتقىقاتلاردا چىقىرىلغان يەكۈن ئوخشاش بولغان. يەنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، قەھۋە ئىستېمال قىلىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى زىيىنىدىن چوڭ ئىكەن. بىراق، بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللار ۋە سۆڭىكى ئاسان سۇنىدىغان ئاياللار قەھۋە ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىشى كېرەك ئىكەن. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسى «ئەنگلىيە تېببىي ژۇرنىلى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

  تەتقىقاتقا قاتناشقۇچى پائۇل رودېرىك پىروفېسسور مۇنداق دېدى: تەتقىقاتتا قەھۋەنىڭ نېمە ئۈچۈن سالامەتلىككە يۇقىرىقىدەك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىدى، باشقا تەتقىقاتتىمۇ قەھۋە ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىدى. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ بەلكىم قەھۋەنىڭ ئوكسىدلىنىشقا ۋە تالالىشىشقا قارشى رولىنىڭ بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخىملىنىشىنى ئاستىلىشىدىن بولۇشى مۇمكىن.

  ئەنگلىيەنىڭ خەلق ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىدە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى قۇبۇل قىلىدىغان كوففېئىننىڭ 200 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەلمەسلىكى، يەنى ئىككى ئىستاكان تېز ئېرىيدىغان قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، باشقا چوڭلارنىڭ كۈنىگە كوففېئىن قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ 400 مىللىگرام ئىچىدە بولۇش تەكلىپى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر