باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاچچىقى يامان ئادەم گازىرنى كۆپ يەپ بەرسە پايدىسى بار

ئاسان ئاچچىقلايدىغان بولسىڭىز گازىر چېقىپ بېرىڭ

2017.03.20 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دائىم ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ياكى روھىي ھەمىشە غەمكىنلىك ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەم ياڭاق، گازىر ۋە كاۋا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك، چۈنكى، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن B6 بار بولۇپ، ئۇ ۋىتامىن B6 ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. B6 كەمچىل بولغان ئادەم ئاسان خاپا بولىدىغان ۋە روھىي ھەمىشە غەمكىن بولىدۇ. بالىلاردا ۋىتامىن B6 كەمچىل بولغاندا تىت-تىت بولۇش ۋە مۇسكۇل تارتىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، لېكىن، ئەگەر ئۇنداق كىشىلەر ياكى بالىلار خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارى بولسا، ئۇلار چوقۇم كەسپىي دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

  دائىم مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات يەپ بەرسە مىجەزى ياخشى بولىدۇ

  ھەقىقەتەن شۇنداقكى، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق، بولۇپمۇ تەركىبىدە ۋىتامىن Cمول بولغان بىر قىسىم كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر دەل شۇنداق. ۋىتامىن Cبەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بېسىمغا قارشى تۇرۇشقىمۇ پايدىلىق، شۇنداقلا بەدىنىمىزدە دوپامىن ۋە ئادرېنالىن قاتارلىق خۇشاللىق فاكتورىنى ياساپ چىقىرىدىغان مۇھىم تەركىب ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن C يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقسا، ئادەمدە سوغۇق مىجەزلىك، خامۇشلۇق، مىجەزى غەلىتە بولۇپ قېلىش ۋە كەم سۆزلۈك بولۇپ قېلىشتەك كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى پىرتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C يەپ بەرسە، كورتىزول دەرىجىسىنى %30 تۆۋەنلىتىدىكەن. سىناق جەريانىدا بايقىلىشىچە، سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ ئىچىدە قەرەللىك ھالدا ۋىتامىن Cيەپ بەرگەنلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋىتامىن C يېمىگەنلەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولغان. سېرىق پۇرچاق ۋە تۇخۇم دېگەنلەر كەيپىيات تۇراقسىزلىقنى يېنىكلىتىدىكەن. ئەگەر دائىم بىر ئىشنى ئۇنتۇيدىغان بولۇپ قالسا، ھەمدە يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە يېڭى ماھارەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش ۋە تاقەتسىزلىنىش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇ بەدەندىكى خولىن كېمىيىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. مايسىز ھەمدە تەركىبىدە خولىن بار يېمەكلىكلەر (مەسىلەن پۇرچاق، تۇخۇم، گۈرۈچ ۋە ئۇن) ۋە تەركىبىدە نىكوتىن كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر (مەسىلەن، يەر ياڭىقى، بولكا ۋە شوخلا قاتارلىقلار)نى يەپ بېقىڭ، چۈنكى، خولىن بىلەن نىكوتىن كىسلاتاسى بىرلەشتۈرۈلسە، ئۇنىڭدىن ئاتسېتىل خولىن ھاسىل بولىدۇ، بۇ، تولا ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قېلىش كەيپىياتىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. تەركىبىدە خولىن بىر قەدەر مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، تۇخۇم، ھايۋانلارنىڭ مېڭى، يۈرەك، جىگەر، ئارپا ئۈندۈرمىسى، سېرىق پۇرچاق، خاسىڭ، كۆكتات دېگەندەكلەرنىڭ ئىچىدە، ھەمدە ئۇسۇڭ ۋە چېچەكسەي دېگەندەكلەرنىڭ تەركىبىدە خولىن بىر قەدەر مول بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر