باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ئالتە خىل يېمەكلىك ئۇيقۇغا دەخلى قىلىدۇ

2017.02.13 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېمەك-ئىچمەك ئۇيقۇ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىر ۋاق كەچلىك تاماقنى ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى توغرا تاللىمىسىڭىز، بەلكىم سىز ياخشى ئۇخلىيالماسلىڭىز مۇمكىن. يېقىنقى كۈنلەردە، ئامېرىكا «ياخۇ» تور بېكىتىنىڭ ساغلاملىق سەھىپىسىدە 396 نەپەر كانادالىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چېتىشلىق بىر تۈر تەتقىقاتىنى باسقان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھەر كۈنكى يېمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن ئۇيقۇ سۈپىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلغان، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىق ۋە كۆپ چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان يېمەكلىكلەر تىزىملىكىنى رەتلەپ چىققان.

  1. ھاراق. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچسە، ئادەمنىڭ قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىشى تەس بولۇپلا قالماي، يەنە بېسىم بار بولغان چۈش كۆرۈش ئېھتىمالى بولىدىكەن.

  2. گازلىق ئىچىملىك. گازلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە كوفېئىن ۋە شېكەر بولغاچقا، ئۇنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچسە، يامان چۈش كۆرۈش ئېھتىمالى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن.

  3. پېچىنە بىلەن تورت. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پىرەنىك ۋە تورت قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدە، ٪31 ئادەم غەلىتە چۈش كۆرگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

  4. ئىتالىيە چۆپى ۋە بولكا. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىتالىيە چۆپى ۋە بولكا ئىستېمال قىلغان ۋە سىناققا قاتناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئاسان پاراكەندە بولىدىغان چۈش كۆرگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

  5.بەرەڭگە ياپراقچىسى ۋە مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ. بۇ مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا، كۆپ تەرەپتىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تەستە ئۇخلايدىكەن.

  6. مۇچ. تەتقىقات جەريانىدا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە سىناققا قاتناشقۇچىلار بەك تەستە ئۇخلايدىكەن ياكى قاتتىق ئۇخلىغان ھالىتىنى تەستە ساقلاپ قالىدىكەن. ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەر بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزگەرتىپ، تېز سۈرئەتلىك كۆز ھەرىكىتى ئارىلاشقان ئۇيقۇ مەزگىلىدە چۈش شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەگەر ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى بەك يېگۈڭىز كېلىپ كەتسە، ئۇخلاشتىن ئالتە سائەت بۇرۇن يېسىڭىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر