باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولسىڭىز، چوڭ مېڭىڭىزنىڭ زەخىملىنىشى بىر يىلغىچە داۋاملىشىدۇ

2017.02.04 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاراق ئېچسە سالامەتلىككە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن سالامەتلىككە ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا كۆپىنچە ئادەم دىققەت قىلمايدۇ. ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا «خۇمار بولۇش» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: بىر قېتىم مەست بولغاندا، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى بىر يىل داۋاملىشىدىكەن، ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە ھاراق كۆتۈرەلمەيدىغان، ھەمدە ئاسانلا قۇسىدىغان، ھوشىدىن كېتىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىدىكى 600 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تەتقىقاتتا شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 21 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر ئاي بۇرۇنقى ئەھۋالى ۋە تۇغۇلغان كۈنى ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدىكى ھاراق ئىچىش ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، ئۇ ئوقۇغۇچىلار 21 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9.6 قەدەھ ھاراق ئىچكەن. شۇ كۈنى مەست بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ بىر يىل ئىچىدىكى ھاراق ئىچىش مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، يەنە ئاسانلا مەست بولۇپ قالىدىغان ۋە تولا قۇسىدىغان بولۇپ قېلىش، ھەمدە ئاسانلا ھوشسىزلىنىدىغان بولۇپ قېلىش دېگەندەك ناچار ئالامەتلەر، يەنى ھاراق ئېچكەندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئاسارەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن، پەيدا بولۇش قېتىم سانى تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن.

  تەتقىقاتچى ئاپتور ئىرېنى گەيسنېلل تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر قېتىم مەست بولۇشنىڭ چوڭ مېڭىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى خېلى ئۇزۇنغىچە قېلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، چوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسىم فۇنكسىيەسى زىيانغا ئۇچراپ، كېيىن ھاراق ئىچكەندە چوڭ مېڭە ئۆزىنى قوغدايدىغان ھالەت كېلىپ چىقىدۇ.

  تەتقىقاتچىلار يەنەمۇنداق قارىغان: ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلا بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولۇشنى ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلغىچە قالدۇرغان تەسىرى بىلەن باغلىيالايدۇ. لېكىن، بىر قېتىم مەست بولۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى بۇلارلا ئەمەس. بۇ تەتقىقات كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىشىگە پايدىلىق، ئۇ تەتقىقات شۇنداقلا كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدىكى ھاراق ئىچىش قىلمىشىنى كونترول قىلىشى ۋە ئاممىۋى سالامەتلىكى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك پايدىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر