- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالقاتنى چايناپ يېيىش كۆزگە پايدىلىق
2016.09.06 14:44 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
‹‹دورا – ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى››دا ‹‹ئالقات بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، باھنى كۈچەيتىدۇ، جىگەرنى ئاسراپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۈ›› دەپ يېزىلغان. ئالقات گەرچە ياخشى يېمەكلىك بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى خاتا ئىستېمال قىلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئالقاتنى قايناق سۇغا چىلاپ ئىچىدۇ ياكى شورپىغا، شوۋىگۈرۈچكە سېلىپ قاينىتىپ ئىچىدۇ، تېرىپىنى تاشلىۋىتىدۇ. لېكىن بۇنداق قىلغاندا، ئالقاتنىڭ تەركىبىدىكى كۆزنى ئاسرايدىغان پايدىلىق تەركىبلەر سۈمۈرۈلمەي قالىدۇ.
ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئالقاتنىڭ كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۇس سېرىق رەڭ ئېلېمېنتىدىن كېلىدىكەن. سۇس سېرىق رەڭ ئېلېمېنتى كۆرۈش تور پەردىسىگە زور مىقداردا يىغىلىپ، بىنەپشە نۇرنىڭ غىدىقلىشىنى ئازايتىپ، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ زەخىملەنمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ئالقاتنى كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئاددىي ئۇسۇلى چايناپ يېيىش ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر