- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەلەمپەيدىن چۈشكەندە پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسىگەندە تىز بۇغۇملىرىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ
2016.08.19 14:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
پەلەمپەيدىن چۈشۈش كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ تىز بوغۇملىرىغا بولغان زىيىنى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن خېلى ئېشىپ كېتىدۇ .
تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە : ئادەم ياتقاندا ، تىزغا ئاساسەن بېسىم چۈشمەيدىكەن ، لېكىن ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە يول يۈرگەندە تىزغا چۈشىدىغان بېسىم تەن ئېغىرلىقىنىڭ بىر– ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن ، پەلەمپەيدىن چۈشكەندە ئۈچ–تۆت ھەسسە ئاشىدىكەن .
ئادەمنىڭ تەن ئېغىرلىقى ئادەتتە تەخمىنەن 60 كىلوگرام بولىدۇ دېسەك ، ھەر بىر پەلەمپەيدىن چۈشكەندە تىز 240 كىلوگراملىق بېسىمنى كۆتۈرىدۇ . تىز بوغۇمىدا چېكىنىش بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ، پۇتتىكى مۇسكۇللارنىڭ كۈچى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ، بەزىدە پەلەمپەيدىن چۈشكەندە تىز بوغۇملىرىغا بولغان تەسىرى پەلەمپەيگە چىققاندىكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ . بۇنداق چاغدا ئاۋۋال پۇتنىڭ ئۇچى بىلەن پەلەمپەينى دەسسەپ ، بىر قىسىم كۈچنى تاپان يايىغا يۈكلىگەندە ئېغىرلىقنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ–دە ، تىز بوغۇملىرىنى ئاسراش رولىنى ئوينىغىلى بولىدۇ .
بۇنىڭدىن سىرت ، تەن ئېغىرلىقنىڭ تىز بوغۇملىرىغا بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن پەلەمپەيدىن چۈشكەندە يانچە مېڭىپ ، پەلەمپەي تۇتقۇسىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك . ياشانغانلارغا نىسبەتەن ، بۇنداق قىلىش بىخەتەر بولۇپ ، يېقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، تۇمشاق چەملىك ئاياغ كىيسىمۇ ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
ياشانغانلارنىڭ سەمىدە بولۇشى كېرەككى ، پەلەمپەيگە چىقىپ–چۈشۈشنى ھەرگىز چېنىقىش دەپ قارىماسلىقى ، ئۇنىڭ تىز بوغۇملىرىغا بولغان زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك .
بۇنىڭدىن سىرت ، كۈچ ئاشۇرۇش مەشىقىنى قىلىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ، كۈچ ئاشۇرۇش مەشىقى ئاز بولسا مۇسكۇللار يىگىلەپ ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار سەپەر قىلىش ، ئاستا يۈگۈرۈش ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تىز بوغۇملىرىغا زىيىنى ئاز ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر