باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ بىرى __ ئۈزۈم

2016.08.19 14:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋە (ئالما، ئۈزۈم، ئاپېلسىن ۋە بانان)›› نىڭ بىرى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە ئۈزۈمنىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، رەڭگى كۆركەم ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل مېۋىدۇر. ئۇنىڭ ساغلاملىقتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قۇرۇتۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى ۋە ئۈزۈم شىرنىسىمۇ كىشىلەر ياخشى كۆرۈپ ئىچىدىغان ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.

  تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ

  ئۈزۈمدىكى مول گىلۇكوزا بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، ئۈزۈمدىكى تارتىرات كىسلاتاسى ئىشتىھانى ياخشىلاپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارراق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۈزۈمنى كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل مېۋە دېيىشكە بولىدۇ.

  جىگەرنى ئاسراپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ

  ئۈزۈمنىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ جىگەرنى ئاسراپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۈزۈمدە ئەركىن رادىكالنى تازىلىغۇچى تەبىئىي تەركىبلەر مول، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئاسان، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، ئەركىن رادىكالنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە سالىدىغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ. جىگەرنى قوغداپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  بەدەننى قۇۋۋەتلەپ قان كۆپەيتىدۇ

  ئۈزۈمدە گىلۇكوزا مول بولغاچقا قان شېكىرىنى تولۇقلايدۇ، روھنى ئۇرغۇتۇپ نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. ئۈزۈمدە يەنە تۆمۈر مول بولغاچقا كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئاياللار، بالىلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ قان تولۇقلاشتىكى ياخشى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

  قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  ئۈزۈمدە ئاق لويلا ئىسپىرتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تەركىب بولۇپ، باكتېرىيەگە قارشى تەبىئىي بىرىكمە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ياغسىمان ماددىلارنى تازىلاپ بەدەندىكى قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىپ قېلىشى ۋە تۆۋەن زىچلىق ياغ ئاقسىلىنىڭ ئوكسىدلىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ، يۇقىرى زىچلىق ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنى كۆپەيتىپ ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدۇ

  ئۈزۈمدىكى تەبىئىي بىرىكمە فېنول، باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسلىرىدىكى ئاقسىللار بىلەن بىرىكىپ ئۇلارنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش ئىقتىدارىنى چەكلەيدۇ.

  تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  ئادەم ئۈزۈم ھارىقىنى ئىچكەندىن كېيىن قان پىلازمىسىدىكى يۇقىرى زىچلىق ياغ ئاقسىلى ئېشىپ تۆۋەن زىچلىق ياغ ئاقسىلى كېمىيىدۇ. شۇڭا دائىم ئۈزۈم يەپ ياكى ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرگەندە تاجسىمان يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈزۈمدىكى مول كالىي ئېلېمېنتى كالتسىينىڭ بەدەندە توپلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ جارى قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يۈرەك سوقۇش رىتىمىنى تەڭشەيدۇ.

  راكقا قارشى تۇرىدۇ

  ئۈزۈم پوستىدا راكقا قارشى پايدىلىق ماددىلار بار بولۇپ ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنىڭ ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۈزۈم شىرنىسىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۆرسىتىدىغان پايدىلىق تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ

  ئۈزۈمدىكى سىئانىدىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، سىئانىدىن ئېلاستازانىڭ ئاكتىپلىقىغا ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكالنى تازىلايدۇ، قىلدام تومۇرلاردىكى توسالغۇ ۋە سىڭىشچانلىقتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى داۋالاش ھەم ۋېنا لىمفا ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى داۋالاشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

  ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە

  ئۈزۈمدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى مول بولۇپ تەركىبىدىكى ئۈزۈم پولىفېنولى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىيونلانغان گېن (ئېپىزوما) نىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى چەكلەپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۈزۈم ئۇرۇقى تېرىنى يۇمشىتىپ، تېرىنىڭ سۈزۈك ھەم پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئۈزۈمدىكى ۋىتامىن B3 ۋە مول مىنېرال ماددىلار تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر