باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ئەرلەرمۇ يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش كېرەك

2016.07.21 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ۋىتامىن B9، ۋىتامىن M تۈرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي ئاتالمىسى، بەزىدە چۆپ كىسلاتاسى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خىمىيەلىك ئاتالغۇسى فولىك ئاتسىد (folic acid).

  ئۇ بەدەندىكى قىزىل قان شارچىسى ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىش، نېرۋىنى ئاسراش سىستېمىسى، ئۈچەي، جىنسىي ئەزا، ئاق قان شارچىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى جاراھەتلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ تۆرەلمە نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ تەرتىپلىك يېتىلىشىنى ئاسراش، بەزى تۇغما كەمتۈكلۈكتىن ساقلىنىش، سۈت چىقىرىشنى تېزلىتىش، تېرە ساغلاملىقى، ئاق چاچنى قارايتىش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن رولى ئىنتايىن چوڭ!

  ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى ئۇرۇقنىڭ شەكىللىنىپ تولۇق يېتىلىشى ئۈچۈن، ئادەتتە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلىك بولىدىغان ئەرلەر پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئۈچ ئايدىن ئالتە ئاي بۇرۇن تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنىنى، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدېنىنى زەخىمگە ئۇچرىتىپ، ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە ۋە شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت ئادەم بەدىنىدىكى كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنى ئېغىر زەخىمگە ئۇچرىتىپ، ھامىلىنىڭ غەيرىيلىك نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەرلەرمۇ پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئالتە ئاي، كېچىككەندىمۇ ئۈچ ئاي بۇرۇن تاماكا، ھاراق تاشلىشى ھەم يوپۇرماق كىسلاتاسى تۇلۇقلىشى كېرەك.

  ھامىلىدار بولۇشتىن ئالتە ئاي، كېچىككەندىمۇ ئۈچ ئاي بۇرۇن ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ يوپۇرماق كىسلاتاسىدىن ھەر كۈنى 0.4 مىللىگىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ھامىلە نېرۋا كاناللىرىنىڭ غەيرىيلىكىنى ھەم باشقا كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  دۆلىتىمىزدە مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ نېرۋا كاناللىرىنىڭ غەيرىيلىكى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ كەلمەكتە.

  تەييارلىغۇچى: باي ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىدىن رابىگۈل ئۆمەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر