باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى پىيادە مېڭىشنىڭ 12 چوڭ پايدىسى

2016.06.22 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭى ئىنگلاند تېببىي ژۇرنىلى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ھەپتە پىيادە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق مېڭىپ بەرسە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %35دىن %40 كىچە تۆۋەنلەيدىكەن. ئامېرىكا «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 60 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن، ھەر قېتىمدا 45 مىنۇتتىن ئارتۇق مېڭىپ بەرسە، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. بىر ھەپتىدە يەتتە سائەتتىن كۆپ پىيادە مېڭىپ بەرسە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20 تۆۋەنلەيدىكەن، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە بولغان داۋالاش ئۈنۈمى%50 بولىدىكەن.

  پىيادە مېڭىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تاماكا چېكىشكە بولغان ئېھتىياجىنى تۆۋەنلىتىپ، دۈمبە مۇسكۇل كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇت سۆڭىكى ۋە مۇسكۇل كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ.

  ھەر كۈنى پىيادە مېڭىپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق

  1. پىيادە مېڭىش يۈرەك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك سوقۇشىنى ئاستىلىتىپ، يۈرەكنى كۈچلۈك قىلىدۇ؛

  2. پىيادە مېڭىش قان تومۇر ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇر يېرىلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ؛

  3. پىيادە مېڭىش قۇرساق قىسمىدىكى ماينىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىپ، زىلۋالىقنى ساقلايدۇ؛

  4. پىيادە مېڭىش قان نوكچىسى شەكىللىنىشىنى ۋە يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ؛

  5. پىيادە مېڭىش ترى گلىتسېرىن ۋە خولېستېرىننىڭ ئارتېرىيە دىۋارىغا يىغىلىپ قېلىشىنى، يەنە قان قەنتىنىڭ ترى گلىتسېرىنگە ئايلىنىشىنى ئازايتىدۇ؛

  6. پىيادە مېڭىش ھورمۇن پەيدا بولۇشنى، زىيادە كۆپ ئادرېنالىن ھاسىل بولۇشنى ئازايتىدۇ. زىيادە كۆپ ئادرېنالىن ئارتېرىيە قان تومۇرى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

  7. پىيادە مېڭىش مۇسكۇلنى كۈچەيتىپ، ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىپ، بوغۇمنى جانلاندۇرۇپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛

  8. پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنى تۈگىتىپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، يۈرەك سېلىشنى پەسەيتىدۇ.

  9. پىيادە مېڭىش ساغلاملىق، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنى ئازايتىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشتا ئىجابىي تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ؛

  10. پىيادە مېڭىش ئاجراتما بېزىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت، سەمرىپ كېتىش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياخشى رول ئوينايدۇ؛

  11. پىيادە مېڭىش بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىيلىشىشىنى پەسەيتەلەيدۇ. ئەگەر كەيپىياتىدا بىئاراملىق كۆرۈلگەندە 15 مىنۇت پىيادە مېڭىپ بەرسە، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ؛

  12. سىرتتىكى ساپ ھاۋادا پىيادە مېڭىپ بەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىشىنى ئوچۇق، جانلىق قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر