باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان قىزىل چاي ئىچىپ بەرسە، دىيابېتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

2016.06.17 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىيابېت كېسىلى بايلار كېسىلى، دەپ ئاتىلىدۇ، كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن داۋالىنىشتىن كۆرە، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ئاقىلانىلىق. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چاي ئىچىپ بېرىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

  ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان قىزىل چاي ئىچىپ بەرسە، شېكەرلىك دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدىكەن.

  ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىزىل چاي تەركىبىدە قان قەنتى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ئىككىلەمچى تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئىلگىرى 300 مىڭ كىشى قاتناشقان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈچتىن تۆت ئىستاكانغىچە چاي ئىچىدىغانلارنىڭ ئىككىلەمچى تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى چاي ئىچمەيدىغان ياكى بەزى-بەزىدە چاي ئېچىپ بېرىدىغانلاردىن %25 تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقاتتا يەنە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى جەھەتتە، چايغا سۈت قوشۇپ ئىچىش بىلەن چاينىڭ رولىنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  مۇتەخەسسىس TimBond دوكتورنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكان ئەتراپىدا چاي ئېچىپ بەرسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار ئىكەن. ئۇ، چاي ئەنگلىيەدە ناھايىتى قارشى ئېلىنىدىغان ئىچىملىك، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە باشقا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا بۇ خىل ئىچىملىكنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى بارلىقى، بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا پايدىسى بارلىقى ئېنىقلاندى، دېدى.

  شېكەرلىك دىيابېت كېسىلى بارلار تاماقتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

  1. ئاقسىل قوبۇل قىلىش مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇزاققىچە ئاقسىل بىلەن ئوزۇقلانسا، بۆرەكنىڭ يۇقىرى سۈزۈش ھالىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، بىرلا ۋاقىتتا بەدەندىكى زەھەرلىك ئازوت مېتابولىزملىق ھاسىلاتنىڭ چىقىرىلىشىنى ۋە يىغىلىپ قېلىشىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىغا يەنىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىلىپ، بۆرەككە زىيان يېتىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، شېكەرلىك دىيابېتلىق بۆرەك كېسىلى بارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىكى ئاقسىلنى مۇۋاپىق چەكلەش تەشەببۇس قىلىنغان.

  2. كۆپرەك قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلىپ، ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى تىزگىنلەش ئاستىدا، كاربون-سۇ بىرىكمىسى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ 55%-60%نى ئىگىلىشىنى ساقلاش كېرەك

  كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە، شېكەرلىك دىيابېت كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچى مۇرەككەپ كاربون-سۇ بىرىكمىسى ۋە قارا ئاشلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ كۆكتات، پۇرچاق، دانلىق زىرائەت قاتارلىقلار. شېكەرلىك دىيابېت كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەر تىپىدىكى ماددىلارنى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. مەسىلەن، قومۇش شېكىرى، مالتوزا، گىلۇكوزا قاتارلىق ۋە مۇشۇ شېكەرلەر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر. كىسىلىتول ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

  3. تاماق يېگەندە مىقدارى ۋە قانۇنىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك

  بىر كۈندە ئاز دېگەندە ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىش، يەنە ۋاقتىدا، بەلگىلىك مىقداردا، ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقى تۆت سائەتتىن بەش سائەتكىچە بولۇشى كېرەك. ئىنسۇلىن ئوكۇلى ئۇرغۇزىدىغان بىمار ياكى قان قەنتى ئاسان تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بىمار ئۈچ ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىككىدىن ئۈچ قېتىم تاماق يېيىشى كېرەك.

  4. يۇقىرى كالتسىيلىق تۆۋەن فوسفورلۇق يېمەكلىك يېيىشتە دىققەت قىلىش كېرەك

  يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكتە كۆپ چاغلاردا فوسفور تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ، ھايۋاناتلارنىڭ مېڭىسى ۋە ئىچكى ئەزاسى، قوۋۇرغىسى، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك، بەدەن قۇۋۋەتلەش تالقىنى قاتارلىق يېمەكلىكلەردە فوسفور ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرى ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر