باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

پۇتنىڭ ئاغرىشى بىر نەچچە خىل كېسەللىكتىن بېشارەت بېرىدۇ

2016.06.17 15:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىششىپ ئاغرىش: ئامېرىكىلىق مۇتەخسىسىلەر ئاياللار 30-40 ياشقا كىرگەندە ياكى ھەيز كېلىۋاتقان مەزگىلدە، پۇتى ئىششىپ ئاغرىش ئادەتتە ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ نۇرمال ئەھۋال، لېكىن ئىششىپ ئاغرىش ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىمى، بىر قىسىم ئاغرىقلاردا سۆڭەك شالاڭلىشش كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دائىم ئوشۇقنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا ئوشۇق ئوڭ، سول پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىدىكى موھىم ئېغىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئوشۇق يۇمشاق، ئىلاستىكىلىقى نورمال بولسا ،قىزىل تومۇردىكى يۈرەككە قايتىدىغان قان ئوشۇقتىن راۋان ئۆتىدۇ؛ ئەگەر ئوشۇق قېتىۋالغاندا بولسا قىزىل تومۇردىكى يۈرەككە قايتىدىغان قان سۇيۇقلۇقى خۇددى ‹‹توسۇلۇپ قالغان ماشىنا››لاردەك، ئوشۇق ئەتراپىدا توسۇلۇپ قېلىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا، يۇقىرى قان بېسمنىڭ خەتىرىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.

  چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئەگەر ئاخشىمى پۇتتا چىڭقىلىپ ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە، قان تومۇر سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.چۈنكى قان تومۇرلار ئىچىدىكى توسۇولۇپ قالغان نەرسىلەر، قان سۇيۇقلىقىنىڭ مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا يېتىپ بېرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، قان تومۇر كېسەللىكى ئاغرىقلىرىنىڭ ئوشۇق قىسمىدا كۆيۈشكەندەك سېزىم بولسا ياكى قولاشسا ئۇنى نېرۋا سىستېىمىسىنىڭ كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

  قول-پۇتلار قولىشىش: ئامبولاتورىيىدىكى %30 ئاغرىقنىڭ پۇت –قولىدا نورمالسىز بولۇش، توڭلاش، قىزىش، يىڭنە سانچىغاندەك ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك بارلىقى بايقالغاندا ، ئىچكى ئاجراتمىلار بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈلىدۇ. ئاغرىق ئەگەر داۋالىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋەتكەن بولسا ، كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسېرى روشەنلىشىش بىلەن بىللە دىيابېت كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا دىيابېت كېسىلى مەنبەلىك پۇت كېسەللىكى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  كۆيۈشۈپ ئاغرىش: ئەگەر پۇت قىسمىدا كۆيۈشۈپ ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇ ئىككىلەمچى دىيابېت كېسىلى بولغان بولۇشى مۇمكىن. دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ تېرە توقۇلمىلىرى نېپىز بولىدۇ، شۇڭا تېرىسىدە ئاسان زەخمىلىنىش كۆرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر