باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

قان بېسىم ئاغرىقلىرى قان تەقدىم قىلسا بولامدۇ؟

2014.02.11 17:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى قان تەقدىم قىلسا بولمايدۇ. بىر قىسىم قان بېسىم ئاغرىقلىرى ‹‹يۇقىرى قان بېسىمى بولغانلارنىڭ قېنى كۆپ، ئازراق قان تەقدىم قىلىۋەتسە قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدۇ›› دەپ قارايدۇ، بۇ قاراش خاتا. يۇقىرى قان بېسىم دېگەندە بەدەندىكى قاننىڭ كۆپلىكىنى ئەمەس بەلكى قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  قان يۈرەكتىن قان تومۇرلارغا ئېقىپ كىرىپ، بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارغاندا، قان تومۇر تېمىغا نىسبەتەن بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بۇ قان بېسىمى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ قان تومۇرىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى بولغاچقا، قېنىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يېتىپ بېرىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى قان تومۇرلارنى تارايتىۋەتكەچكە، قان بېسىمى يۇقىرى بولسا، ئاندىن قان بەدەندىكى ھەر قايسى جايلارغا يېتىپ بارالايدۇ. بۇنداق بولغاندا سوققان تومۇر بېسىمى نورمال ھالەتتىن ئېشىپ كېتىپ يۇقىرى قان بېسىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىغا قان تەقدىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى، ئاغرىق قان تەقدىم قىلىۋاتقاندا خەتەرلىك ئامىللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى قان تەقدىم قىلىۋاتقاندا، يۈرەكنىڭ تاجىسىمان سوققان تومۇرى ئاسانلا سىپازمىلىنىپ، يۈرەككە ۋاقىتلىق قان يېتىشمەي، يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىدا كۆپ ھاللاردا قاندىكى ماي نورمالسىز بولىدۇ، قاننىڭ ئېقىشى ياكى قان تومۇرلاردىكى نورمالسىزلىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئاغرىق قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلاپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىپ، ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بېرىدۇ.

  بەزى ئاغرىقلار قان بېسىمىنى نورمال دائىرىدە تىزگىنلىدىم دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ ئەسلىدىكى بىنورمال ھالىتى ئۆزگەرمىگەچكە، قان تەقدىم قىلغاندا قان بېسىمى داۋالغۇپ خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيەسى: ناۋادا يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ھەقىقەتەن قان تەقدىم قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، تېببىي خادىملارنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تەقدىم قىلىشى، نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە، دەرھال تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

  ساغلام كىشىلەرنىڭ قان تەقدىم قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا قان تەقدىم قىلغاندا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەنلەپ، ھەر خىل كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە ئوزۇقلۇقلار زىيادە ئېشىپ قېلىۋاتىدۇ، ياغلار توپلىنىپ سەمىرىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ھال جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئادەتتە ھەرىكەت ئاز بولسا، يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلمىسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئارتىپ، سوققاق تومۇر بوتقىسىمان قېتىپ، كېسەل پەيدا قىلىدۇ. قان تەقدىم قىلىش قاندىكى بارلىق تەركىبلەرنى ئازايتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېقىشىنى تېزلىتىدۇ، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.

  ساتتار غوپۇر تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر