باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ساغلاملىققا پايدىلىق قارا مېۋىلەر

2014.02.11 17:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قارا مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى پىگمېنت، ۋىتامىن، كالىي، ماگنىي، مانگان، فوسفور قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى باشقا مېۋىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىئون تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  قارا ئۈجمە: تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كاروتىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ باشقا مېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى. دائىم قارا ئۈجمە يەپ بەرسە، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە سۆڭەك بوغۇملىرى قېتىشىشتىن ساقلانغىلى، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  قارا ئۆرۈك: تەركىبىدە مول ۋىتامىن، كالىي، ماگنىي، مانگان، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ھەم زور مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا بار. بۇ ماددىلار ئاشقازان ۋە ئۈچەي يولىغا كىرىۋالغان كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئىشقارلىق ماددىغا ئايلىنىدۇ. ھازىرقى زامان دورا تەتقىقاتى، ئىشقارلىق ماددىنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تېبابەتتە قارا ئۆرۈك يەنە قېرىشقا قارشى تۇرۇش يېمەكلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  قارا ئۈزۈم: تەركىبىدە مول كالتسىي، كالىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا، شۇنىڭدەك ھەر خىل ۋىتامىنلار بار. دائىم قارا ئۈزۈم يەپ بەرسە، نېرۋا ئاجىز، زىيادە چارچاپ كەتكەن كىشىلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قارىقات: قارىقات تەركىبىدە مول ۋىتامىن، فوسفور، ماگنىي، كالتسىي قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇزاق مەزگىل قارىقات ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، قان ئازلىق، سۇلۇق ئىششىق، رېماتىزم ۋە يۆتەل قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. (بۇنىيازگۈل تەييارلىدى) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر