باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

گۆشسىز غىزالىنىش

2014.02.11 17:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرمۇش سەۋىيەنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ گۆشسىز غىزالىنىش كۆپ تەكىتلەنمەكتە. ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر گۆشسىز غىزالانسا بولىدۇ، گۆشسىز غىزالانغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ يېمەكلىك ئىلمى دوكتورى فەن جىخوڭ بۇ توغرىدا مۇنداق مەسلىھەت بەردى:

  ئادەتتە گۆشسىز غىزالىنىش ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ: تۇخۇم، سۈت بىلەن غىزالىنىش ياكى ئىككىسىنىڭ بىرى بىلەن غىزالىنىشنى ئاساس قىلغان تۇخۇم، سۈتنى ئاساس قىلىپ گۆشسىز غىزالىنىش ۋە گۆشنى مەنبە قىلغان ھېچقانداق يېمەكلىكنى يېمەسلىكنى ئاساس قىلغان گۆشسىز غىزالىنىش. تۇخۇم، سۈتنى ئاساس قىلىپ گۆشسىز غىزالىنىشنىڭ ئادەتتە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، بىراق پۈتۈنلەي گۆشسىز غىزالانغاندا، يېمەكلىكنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىغاندا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ياشلار – ئۆسمۈرلەر، ھامىلىدارلار، قان كەملىك كېسىلى بارلار، ھەزىم قىلىشى ياخشى ئەمەسلەر، ئاشقازان – ئۈچەي كېسىلى بارلار ياكى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز ياشانغانلارنىڭ گۆشسىز غىزالىنىشىنى تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ.

  گۆشسىز غىزالىنىشنىڭ بەدەنگە نىسبەتەن نېگىزلىك ئىلمىي ئاساسى بار. ھەر خىل كۆكتات، مېۋە – چېۋە، قارا ئاشلىق، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، دۈمبىمەدەك، بەرەڭگى تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە ئېرىشچان ۋىتامىنلار،كالىي، ماگنىي، كالتسىي قاتارلىق مىنېرالنى ماددا ئېلېمېنتلىرى كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەدەن ئوزۇقلۇق تالاسى، ئولىگو ساخارىد، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارغا ئېرىشىدۇ. گۆشسىز غىزالىنىش ئۈچەي يوللىرىنى نورماللاشتۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۇلغانما ماددىلارنى ئازايتىدۇ، جىگەر، بۆرەكنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان گۆشسىز غىزالانغۇچىلار تەن جەھەتتىن يەڭگىل، روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئارامبەخش ھېس قىلىدۇ. بىراق گۆشسىز غىزالىنىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاندا، ئاسانلا چاچ چۈشۈش، چاچ قۇرغاقلىشىش، تېرە بوشىشىش، سوغۇقتىن قورقۇش، كەيپىياتى روھسىزلىنىش، قان ئازلىق، سىنك كەملىك، ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

  گۆشسىز غىزالىنىش ساغلام ۋە ساغلام بولمىغان غىزالىنىشتەك ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، بىراق گۆشسىز غىزالانغۇچىلار كۆپىنچە پەقەت تەركىبىدە ھايۋاناتنىڭ گۆشى بولمىسىلا بولىدۇ دېگەن قاراش بىلەن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گۆشسىز غىزالانغاندىن كېيىنمۇ سەمرىپ كېتىدىغان، بەدەن سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا گۆشسىز غىزالانغۇچىلار تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

  1) تەركىبىدە قەنت، ياغ، تۇز ۋە ئۆسۈملۈك سۈتى كۆپ بولغان، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىمەسلىك كېرەك. ئادەتتە قورۇما قورىغاندا ياغ، قەنت ۋە تۇزنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك.

  2) مېۋىنى كۆپرەك يېگەندە، ئاساسلىق غىزانىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.

  3) كۆكتاتلارنى خام پېتى يېيىش گۆشسىز غىزالانغاندەك بولمايدۇ. كۆكتاتلاردىكى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلەر پەقەت تاماق ئېتىلىش، قورۇلۇش ئارقىلىق ئاندىن ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان پايدىلىق نەرسىگە ئايلىنىدۇ.

  4) ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى تاللاش كېرەك. سۈت، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشنىڭمۇ پايسى كوپ.

  5) ئاساسلىق يېمەكلىكنى قارا ئاشلىققا، ئارىلاشما پۇرچاققا ئالماشتۇرغاندا، بەدەننىڭ B تەركىبلىك ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  6) زەمبۇرۇغ تەركىبلىك ۋە ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يەپ بەرگەندە، ۋىتامىن B12 نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  گۆشسىز غىزالانماقچى بولغانلار بىر مەزگىل بەدەننى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. يەنى ئالدى بىلەن ياغلىق قورۇمىلاردىن ۋاز كېچىشى، كاۋاپ تۈرىدىكىلەرنى ئازايتىپ، شورپا ئىچىپ بېرىشى، ھەپتىدە ئىككى قېتىم گۆش يېيىشنى سىناپ بېقىشى، بەزى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە ئۆزگەرتىپ بېقىشى، ھەر قېتىملىق تاماقتا بىر نەچچە خىل يازلىق يېسسىىۋېلەكتىن قىلىنغان قورۇما يەپ بېرىشى، تاماق ئارىلىقىدا قېتىق، مېۋە ئارىلاشتۇرۇپ يىيىشى كېرەك.

  گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تاماق شىرەسىدىن نېرى قىلىپ، تۇخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  تومارىس يالقۇن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر