باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

قىشتا ئۆيدىكى قۇرغاق ئىسسىقتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

2014.02.11 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىشتا ھاۋانىڭ قۇرغاقلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ‹‹پار كېسىلى›› كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەگەر دائىم كالپۇك قۇرۇپ يېرىلسا، گال قۇرۇپ ئاۋاز پۈتۈپ قالسا، تېرە قىچىشسا، تەرلىسە، بۇرنىدىن قان ئاقسا، تىت – تىت بولۇپ كەيپىياتى ناچارلاشسا، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، دېمى سىقىلىش، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى پەيدا بولسا، بۇ ئۆيدىكى ھاۋانىڭ زىيادە قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئالتە ئۇسۇلنى قوللانغاندا، بۇلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئۆينىڭ نەملىكىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش

  قىشتا ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى 12 سېلسىيە گىرادۇستىن 22 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، نەملىك دەرىجىسى %40 – %60 گىچە بولسا، مۇۋاپىق. كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بېرىش، تېرىسى نىسبەتەن قۇرغاق كىشىلەر سەۋزە، پالەك قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A كۆپ يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىشى كېرەك.

  نەملىك ئاشۇرغۇچى ئۈسكۈنىلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش

  نەملىك ئاشۇرغۇچ ئۈسكۈنىلەر تېزلا ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ، بىراق تۇرۇبا سۈيىدە كۆپ مىقداردا خىلور بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم سوغۇق سۇ بىلەن ياكى ساپلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن نەملىك ئاشۇرغۇچنى پاكىز يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك؛ نەملىك ئاشۇرغۇچقا قاچىلىغان سۇغا مىكروبسىزلاندۇرۇش دورىسى، ئاچچىقسۇ، ياغ قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك؛ نەملىك ئاشۇرغۇچ قىسمەن دائىردىكى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنى ئىشلەتكەندە بالىلارنى، ياشانغانلارنى يېقىن كەلتۈرمەسلىك لازىم، بۇنداق قىلغاندا سوغۇق تىگىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  داسقا سۇ ئېلىپ قويۇش

  ئائىلىسىدە رېماتىزم، قەنت كېسىلى بارلار بولسا داسقا سۇ ئېلىپ قويۇش كېرەك. سۇنى ياتاق ئۆيدىكى پارنىڭ ئاستى تەرىپىگە قويۇپ قويسا ياكى مىنېرال سۇ قۇتۇسىغا سۇ ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ پارنىڭ ئارىلىقىغا قىستۇرۇپ قويسىمۇ ئۈنىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  يېشىل ئۆسۈملۈكتىن پايدىلىنىش

  يېشىل ئۆسۈملۈكنىڭ تېمپېراتۇرىنى ۋە نەملىكنى تەڭشەش رولى چوڭ بولۇپ، قىزەنگۈل، سەبرە، سانسېۋېرىيە چىغىرتمىقى، سۇدا ئۆستۈرىلىدىغان ھەجمى كىچىك، كەچتە ئوكسىگېن چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ ئىشلەتكەندىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

  بېلىقداندىن پايدىلىنىش

  مېھمانخانا ئۆيگە ئېغىزى چوڭراق بېلىقدان قويۇپ قويسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بېلىقداننى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق كېرەك، چۈنكى بېلىقداننىڭ نەملىكى ئاسانلا زەمبۇرۇغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

  ھۆل لۆڭگىدىن پايدىلىنىش

  بىر دانە ھۆل لۆڭگىنى پارنىڭ ئۈستىگە يېيىپ قويسا ياكى سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان پاختا رەختنىڭ بىر ئۇچىنى پارنىڭ ئاستىدىكى سۇ قۇيۇلغان داسقا، يەنە بىر ئۇچىنى پارنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويسىمۇ، سۇنىڭ پارلىنىشى نەتىجىسىدە ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. (تومارىس يالقۇن تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر