باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

غەيرى ئېغىز قۇرۇشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى

2014.02.10 15:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىيابىت كېسىلى. ئېغىز قۇرۇش ئالامىتى دىيابېت بىمارلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. دىيابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىز قۇرۇش، ئۇسساش ئالامىتى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى ئاساسلىقى قان شېكىرى يۇقىرى بولۇشتىن سۈيدۈك كۆپىيىپ، بەدەندىن كۆپ مىقداردا سۇ چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئېغىز قۇرۇش پەيدا بولىدۇ.

  قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى . قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىك بىمارلىرىدىمۇ ئېغىز قۇرۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ . ئۇ بىر خىل ئۆزلىكىدىن ئىممۇنىتېتلىشىش خاراكتېرىدىكى جىددىي كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئېغىز قۇرۇيدۇ، كۆز قۇرغاقلىشىدۇ.دەسلەپكى مەزگىلىدە شۆلگەي ئازلايدۇ، نەرسىلەرنى يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ.لېكىن بىمارنىڭ بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولمايدۇ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

  ئېغىز بوشلۇقى جىددىي كېسەللىكى. ئېغىز بوشلۇقى ئاستا خاراكتېرلىك ئېڭەك ئاستى بېزى ياللۇغى، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى بېزىدە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ، مۇشۇنىڭدىن ئېغىز قۇرۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

  قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى . قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىنمۇ ئېغىز قۇرۇش ئالامىتى پەيدا بولىدۇ.

  مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر