باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ياشانغانلار ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكنى يەپ بەرگىنى ياخشى

2014.02.10 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياشانغانلار ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكنى يەپ بەرسە، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، كېسەلنى قوغلاپ تەننى ساغلاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ئەمما ياشانغانلار ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ يېيىشى كېرەك. ئالايلۇق، مىكرو ئېلېمېنت كىرېمىنىنىڭ يېتەرسىز ياكى ئاز بولۇشى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، كۆزگە ئاق چۈشۈش شۇنداقلا بەزى ئۆسمە پەيدا بولۇشتىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئادەتتە يەر ياڭىقى، ياڭاق، پالما يوپۇرمىقى، كاشتان قاتارلىق سېلېنلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، تېز قىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشى ياشانغانلاردىكى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە، شۇنىڭ ئۈچۈن، ياشانغانلار ياڭاقتىن باشقا، قارىغاي ئۇرۇقى، ئۆرۈك مېغىزى، ئورمان ياڭىقى، يەر ياڭىقى قاتارلىقلارنىمۇ يەپ بېرىشى كېرەك. بۇ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەككە پايدىلىق؛ كاشتان بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇنداقلا قىش پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ياشانغان ئاياللار ھەركۈنى ئىككى تال قۇرۇتۇلغان چىلان يەپ بەرسە، قان تولۇقلاپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. قېتىقمۇ ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پېچىنە، قەنت – گېزەك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. ئارتېرىيە قېتىش بولۇپ قالغانلار تەركىبىدە ۋىتامىن C، E مول بولغان ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكنى يېسە بولىدۇ. ئاشقازان ئىقتىدارى ناچار ياشانغانلار مېۋىدىن مېۋە ئۇيۇتمىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئازراق ھەسەل قوشۇپ يېسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بەزى كۆكتاتلارنى ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، پىچەكگۈل، تاتلىق بەرەڭگە، كاۋا قاتارلىقلار.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدىكى ۋاقىت ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىك يېيىشنىڭ ئەڭ ئوبدان پەيتى. بۇ چاغدا ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تاماق ئاللىبۇرۇن ھەزىم بولۇنغان بولۇپ، كېيىنكى نورمال ئوزۇقلىنىشغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكنى زىيادە كۆپ يېمەستىن، قوشۇمچە يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر