باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

2013.05.27 15:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلاۋېتىپتۇ.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، تاماكا (سىگارت) دىكى رادىيو ئاكتىپ ماددىلار ھاۋادىكىدىن كۆپ بولىدىكەن. تاماكا چەككەندە، تاماكىدىكى رادىيو ئاكتىپلىق ماددىلار تاماكا ئىسى بىلەن كاناي ۋە ئۆپكىگە كىرىپ، ئۆپكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ياشلار – ئۆسمۈرلەر تاماكا چەكسە ئۆپكە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، رادىيو ئاكتىپلىق ماددا يەنە قان ئايلىنىش ئارقىلىق بەدەندىكى باشقا ئەزا ۋە ئورگانىزملارغىمۇ تاجاۋۇز قىلىدىكەن.

  تاماكا چېكىش ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا ناھايىتى زىيانلىق ئىكەن. تاماكا چەككەن ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ قان تومۇرلىرىنى مىكروسكوپتا كۆرگەندە، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەنلىكى ھەم قان دانچىلىرىنىڭ يىغىلىپ قالغانلىقى بايقالغان. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا ئالاھىدە بىر خىل سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدىكەن ۋە قانلار راۋان ئاقالماي بەزىدە توسۇلۇپ قالىدىكەن.

  ياشلار – ئۆسمۈرلەر تاماكا چەككەندە، سۆڭەككە زىيىنى چوڭ بولىدىكەن. كۈنىگە بىر قاپ تاماكا چېكىدىغان ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ قىنىدىكى كادمىي (بىر خىل ئېغىر مېتال) تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. كادمىي ئادەتتە سۆڭەكنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان مېتال بولۇپ، سۆڭەكتە كۆپ تۆشۈك بولۇش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا تاماكا چەككەنلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن.

  تاماكا چېكىش ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ تېرىسىنى تېز كاردىن چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە مۇھىتنى بۇلغاپ، باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈرىدۇ. تاماكىدا 3600 خىلدىن كۆپرەك خىمىيەلىك بىرىكمە، تاماكا ئىسىدا 1200 خىلدىن كۆپرەك زەھەرلىك ماددا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى كاربون چالا ئوكسىدى بولۇپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنى تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى كاربون چالا ئوكسىدى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشسا، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە سىلىقلىقىنى يوقىتىدۇ، يىرىك ھەم خۇنۈك بولىدۇ.

  ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %90 ئۆپكە راكى، %75 ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، %25 تاجىسىمان يۈرەك قانتومۇر كېسىلى تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. ياشلار – ئۆسمۈرلەر تاماكا چېكىشنى قانچە كىچىك باشلىسا، يۇقارقى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدىكەن. تەكشۈرۈشلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، 15 ياشتىن ئىلگىرى تاماكا چەككەنلەردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2.7 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە