باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ۋىتامىن يېتىشمەسلىك ۋە كۆز كېسىلى

2013.05.27 15:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىتامىن Aكەم بولسا، ئادەم غۇۋا يورۇقلۇقتا نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، كۆز قۇرغاقلىشىدىغان ۋە ئاسانلا تالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا تەركىبىدە ۋىتامىن A مول تۇخۇم سېرىقى، گۆش، پالەك، شوخلا، سەۋزە، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، يۇقىرىقى ئالامەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  ئېغىر دەرىجىدە ۋىتامىن B1 كەم بولغان كىشىلەردە كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، كۆز قارىچۇقى يوغىناپ، يورۇقلۇققا بولغان ئىنكاسى قالايمىقانلىشىش، كۆز مىدىرلىغاندا تاتىشىپ ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول يېمەكلىكلەر، يەنى تازىلانغان گۈرۈچ، ئۆلچەملىك ئۇن، پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە يۇقىرىقى ئالامەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  ۋىتامىن B2 كەم بولسا، كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكى، قاپاق گىرۋىكى يەللىكى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكى قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە تەركىبىدە ۋىتامىنB2 مول يېمەكلىكلەر، يەنى تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى، مېۋە – چېۋە، يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە يۇقىرىقى ئالامەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

  ۋىتامىن C كەم بولسا، قاپاق گىرۋىكى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە، ئەينەكسىمان تەنچە، كۆرۈش تور پەردىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا قاناش ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە تەركىبىدە ۋىتامىن C مول يېڭى كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە يۇقىرىقى ئالامەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە