باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى توغرىسىدا

2013.04.10 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، شۇڭا ھازىر بۇ كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش شەكلى ۋە يۇقۇملىنىش خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولۇپ، يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئالىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىغا تاقابىل تۇرۇش چارىسى چوقۇم تېپىلىدۇ.

  لياڭ ۋەننيەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ سەھىيە خىزمىتى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمەتلىرى تېخىمۇ قانۇنلىشىپ، ئىلمىيلاشتى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنى چوقۇم تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.

  مۇخبىر: كېيىنكى قەدەمدە ئېلىمىز قانداق ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ؟

  لياڭ ۋەننيەن: بىرىنچىدىن، بىرلەشمە مۇداپىئە، تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش – ھۆكۈم قىلىشنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە كونكرېت ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۇش – داۋالاش خىزمىتىنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەللىكنى بالدۇر پەرقلەندۈرۈش ۋە بايقاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش – داۋالاشنى كۈچەيتىپ، ئۆلۈمنى ئازايتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلارنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  مۇخبىر: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇش ۋە كېچىكىپ مەلۇم قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇتمۇ؟

  لياڭ ۋەننيەن: يۇقۇم ئەھۋالىنى بايقىغاندىن تارتىپ يۇقۇم ئەھۋالىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرگە ئېلان قىلىشقىچە، قانۇن – نىزاملاردىكى تەلەپلەر ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىندى، ھازىرغىچە يۇقۇم ئەھۋالى قانۇن بويىچە، ۋاقتىدا، توغرا، ئاشكارا ئېلان قىلىندى. تۇنجى يۇقۇم ئەھۋالىنى بايقاشتىن ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىشقىچە ۋە جەمئىيەتتە ئېلان قىلىشقىچە، ھەممىسى بەلگىلىك ۋاقىتتا ئورۇندالدى. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن جايلارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە يۇقۇم ئەھۋالىنى ئاشكارا ۋە ئېنىق ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.

  مۇخبىر: ھازىر ئامما ساغلاملىقىنى قانداق قوغدىشى ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانداق قوللىشى كېرەك؟

  فېڭ زىجيەن: ئاممىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى شۇكى، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، قۇشلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، قۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دەرھال قولىنى يۇيۇشتىن ئىبارەت. تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قۇشلارنى قويۇپ بەرمەسلىك، يېمەك – ئىچمەك ۋە ئىستېمال ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، تىرىك قۇشلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى يۇقىرى يۇقۇملىنىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئامما قىزىش ۋە نەپەسلىنىشى قىيىن بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە