باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

ھامىلىدار ئاياللار<<باكتېرىيە بومبىسى>>دىن ھوشيار بولۇشى كېرەك

2012.11.07 16:50        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بىر قىسىم نەرسىلەر قارىماققا پاكىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما باكتېرىيە بىلەن بۇلغانغان بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار بۇ <<باكتېرىيە بومبىلىرى>> دىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

  ياغاچ قاچا – قۇچا: سۇلياۋ ۋە مېتالغا قارىغاندا ياغاچقا ئاسان سۇ يۇقىدۇ. شۇڭا، ياغاچ قاچا – قۇچىلاردىكى باكتېرىيەمۇ كۆپ بولىدۇ. ياغاچ قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قايناق سۇدا چايقاش كېرەك. بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن قايناق سۇدا <<پىشۇرۇۋېتىش>>كېرەك. ناۋادا ياغاچ قاچىلاردا يۇمشاش، قارىداش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك.

  چىش چوتكىسى: تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر بىر تال چىش چوتكىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىليون دانە باكتېرىيەنى ئېلىپ يۈرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر چىش چوتكىسىنى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

  مۇنچا لۆڭگىسى: تېرىدىكى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە مۇنچا لۆڭگىسىگە چاپلىشىۋالىدۇ. ناۋادا ئۇلار يارا ئېغىزى بىلەن ئۇچراشسا ئاسانلا يۇقۇملاندۇرىدۇ. مۇنچا لۆڭگىسىنى ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم 90 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى سۇدا بىر قېتىم يۇيۇۋېتىش كېرەك.

  ياستۇق ۋە مامۇق يوتقان: ياستۇققا يىغىلىپ قالغان چاڭ – توزان زىققا، ھۆل تەمرەتكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، ياستۇقنى ئىككى، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم 60 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى سۇدا ئاز دېگەندە 30 مىنۇت يۇيۇش كېرەك. مامۇق يوتقانغىمۇ چاڭ – توزان ۋە تېرىدىن تۆكۈلگەن ماددىلار چاپلىشىۋالىدۇ، شۇڭا يېرىم يىلدا بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ياستۇقنى ئىككى يىلدىن، مامۇق يوتقاننى بەش يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  كارىۋات سېلىنچىسى: ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر دانە كارىۋات سېلىنچىسىدا 10 مىڭ دانە چاڭ – توزان، كانا بولىدىكەن. شۇڭا، ۋاكۇئۇملۇق چاڭ – توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەككەن.

  تەنھەرىكەت ئايىغى: تەنھەرىكەت ئاياغلىرىنىڭ ئىچى ئاسانلا زەمبۇرۇغ ۋە باكتېرىيە بىلەن بۇلغىنىدىكەن، شۇڭا ئاز دېگەندە ئايدا بىر قېتىم سوپۇندان يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش كېرەككەن.

  كۈلتۈك چوتكىسى: كۈلتۈك چوتكىسى ئۇپراپ كەتكەن بولسا، كىر چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. كۈلتۈك چوتكىسىنى ھەپتىدە بىر قېتىم مىكروبسىزلاندۇرغاندىن سىرت، يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ( ساتتار غوپۇر تەرجىمىسى)

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە