باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
گازىرنى كۆپ چېقىش سالامەتلىككە زىيانلىق
2009.07.02 11:20  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  گازىرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ۋە ياغ كىسلاتاسى بار . كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشلەر گازىر چېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ . گازىرنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق تەرەپلىرى بار بولسىمۇ ، زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس .

  گازىرنى كۆپ چاقسا ، شۆلگەي گازىر شۆپىكىگە چاپلىشىپ چىقىپ كېتىدۇ . ئادەتتە ، شۆلگەي ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۆلگەي تەركىبىدە يەنە ئاجرىتىش تىپىدىكى ئىممۇنىتېت شار ئاقسىلى ۋە باكتېرىئولېزىن بولۇپ ، شۆلگەي ئېغىز بوشلۇقىدا پەيدا بولغان كىسلاتانى نېيتراللاشتۇرىدۇ ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ شىلىمشىق پەردىسىنى قوغداپ ، چىش چىرىش كېسەللىكى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . شۆلگەي يەنە راك ماددىسىنىڭ زەھىرىنى تۆۋەنلىتىپ ، راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . گازىرنى كۆپ چاقسا ، شۆلگەي كۆپ مىقداردا خوراپ كېتىپ ، سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، گازىر تەركىبىدە ياغ ماددىسى كۆپ بولغانلىقتىن جىگەرنى قاتۇرۇپ ، جىگەرنىڭ فونكىسىيىلىك رولىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ .

  مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved