مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوۋاقنى پەپىلەپ ئۇخلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

2022.10.11 19:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن يېڭى ئاتا-ئانىلار دائىم يىغلاۋاتقان بوۋاقلارنى پەپىلەش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بوۋاق يىغلىغاندا ئاتا-ئانىلار قۇچاقلاپ ماڭسا، تېخىمۇ ئاسان ئۇخلايدىكەن، قۇچاقلاپ بەش مىنۇتتىن سەككىز مىنۇتقىچە ئۇخلاتقاندىن كېيىن بوۋاقنى كارىۋاتقا قويۇپ قويسا، بوۋاق ئاسانلىقچە ئويغانمايدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «ھازىرقى زامان بىيولوگىيەسى» ژورنىلىنىڭ تور نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان.

  ياپونىيە فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يەتتە ئايغا توشمىغان 21 نەپەر بوۋاق ۋە ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، بوۋاق يىغلىغان چاغدا قۇچاقلاپ ماڭغان، بالىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان، بوۋاقلار ھارۋىسىغا سېلىپ ئىتتىرگەن ياكى ياتقۇزغان چاغدىكى ھالىتى ۋە ئېلېكتىرو كاردىيوگراممىنى خاتىرىلىگەن.

  تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بوۋاق يىغلىغاندا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى قۇچاقلاپ مېڭىپ پەپىلەپ ئۇخلاتسا، بوۋاقنىڭ يىغىسىنى ئەڭ ئاسان توختاتقىلى بولىدىكەن، تەخمىنەن بەش مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغلىمايدىكەن، بوۋاقلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ئۇخلاپ قالىدىكەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2013-يىلى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ھادىسىنى بايقىغان، ئۇلار بۇنى «توشۇش رېئاكسىيەسى» دەپ ئاتىغان. بۇ بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بالىسىنىڭ ئورتاق ئىنكاسى ئىكەن. مەسىلەن، ياۋايى ھايۋانلار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۆتكەلگەندە، بالىلىرى ياۋاشلىق بىلەن ماسلىشىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلمايدىكەن، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىكەن.

  تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىم بوۋاق ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا كارىۋاتقا قويۇپ قويۇلسا ئويغىنىپ كېتىدىكەن. ئېلېكتىرو كاردىئوگراممىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بوۋاقلار ئانىسىدىن ئايرىلىشقا باشلىغاندا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، ئويغىنىپ كېتىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى بەزلەپ ئۇخلاتقاندىن كېيىن، يەنە ئولتۇرۇپ بەش مىنۇتتىن سەككىز مىنۇتقىچە قۇچاقاپ تۇرسا، بوۋاق تېخىمۇ شېرىن ئۇيقۇغا كىرىدىكەن، ئاندىن ئۇنى كارىۋاتقا قويۇپ قويسا، ئاسانلىقچە ئويغانمايدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بېقىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ