مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېۋە-چېۋىلەر توغرىسىدىكى بۇ قاراشلارغا سىز ئىشەنگەنمۇ؟

2022.05.07 21:54 مەنبە: تىيانشان تورى



  چۈچۈمەل تاتلىق، شىرنىلىك، ئوزۇقلۇق ماددىسى مول مېۋە- چېۋىلەر كۈندىلىك يېمەك- ئىچمىكىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇڭا، مەيلى توردا ياكى تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەردە بولسۇن، ھامان ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك «پىتنە- ئىغۋا»لار ئاز ئەمەس. پىتنە- ئىغۋالارنىڭ ئەڭ ئەجەللىك بىر يېرى شۇكى، دەسلىپىدە بىرەر ئىش بولمىغان تەقدىردىمۇ، كۆپ ئاڭلاپ كەتسە، كۆڭلىدە ئاستا- ئاستا قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. بۈگۈن بىز تارقىلىش ۋاقتى ئۇزۇن، تەسىر دائىرىسى كەڭ بولغان مېۋە- چېۋە توغرىسىدىكى قىسمەن پىتنە- ئىغۋالارنى مىسال كەلتۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە راست- يالغىنىنى ئايرىيمىز.



  تەركىبىدە كىسلاتا كۆپ بولغان مېۋىلەرنى ئاچ قورساق يېسە بولمامدۇ؟

  ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ!

  ئاچ قورساق چاغدا تەركىبىدە كىسلاتا بولغان مېۋىلەرنى كۆپ يېيىشكە بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. مىسال ئالساق، ئالما تەركىبىدە كىسلاتا بىرقەدەر كۆپ بولغان مېۋە، لېكىن بەزىلەر قورسىقى ئاچقاندا بىر تال ئالما يېسە، ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولغانلىقىنى ھېس قىلمايلا قالماستىن، يەنە ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئورۇقلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. لېكىن، ئاشقازان، ئۈچىيى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ئاچ قورساققا ئالما يېگەندىن كېيىن، مېۋىدىكى بەزى ئالاھىدە تەركىبلەر، مەسىلەن، تاننىن قاتارلىقلار ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ چۆكمە ھاسىل قىلىپ، بىئارام قىلىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئانار ۋە شوخلىنىڭ تەركىبىدە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلايدىغان ياكى ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئاسانلا چۆكمە ھاسىل قىلىدىغان تەركىبلەر بار، ئاشقازان- ئۈچەي يولى ياخشى بولمىغان دوستلارنىڭ تەركىبىدە كىسلاتا بار مېۋىلەرنى ئاچ قورساق يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال مېۋە يەپ ئاندىن تاماق يېيىش كېرەكمۇ؟

  ئىشىنىشكە بولمايدۇ!

  توردا مۇنداق بىر گەپ تارقالغان: «ئاۋۋال تاماق يەپ، ئاندىن مېۋە يېگەندە، مېۋە- چېۋىلەرنى تاماق توسۇپ قېلىپ ئۈستىدە تۇرۇپ قالىدۇ، بىۋاسىتە ھەزىم بولمايدۇ، لېكىن مېۋە- چېۋىلەر تاماققا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان چىرىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەزىم قىلىش نۆۋىتى مېۋە- چېۋىلەرگە كەلگەندە، ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى ئېقىپ كېتىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى شاكىلى بولىدۇ.» ئاڭلىماققا خېلىلا «ئوبراز»لىق ئېيتىلغان بۇ سەپسەتە توغرا ئەمەس. يۇقىرىدىكى بىر ماددىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا، ئەگەر مېۋىنى ئاچ قورساق يېسىمۇ بولمىسا، تاماقتىن كېيىن يېسىمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا مېۋىنى زادى قانداق ۋاقىتتا يېيىش كېرەك؟ ئېنىقكى، بۇنىڭدا لوگىكىلىق چاتاق بار.

  يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى، تاماق يېيىش بىلەن مېۋە يېيىش ئارىسىدا قانداق توقۇنۇش بار؟ ئەگەر بار بولسا، ئاشقازاننىڭ سىغىمى چەكلىك بولۇپ، بىرىنى كۆپ ياۋالسا، يەنە بىرىنى يېيەلمەيدۇ. مېۋىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاز مىقداردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل، ماي ھەمدە ئاز مىقداردىكى سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار، بۇ ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ھەزىم قىلىپ قوبۇل قىلىش بىلەن بىلەن تاماق يېيىش ئارىسىدا بىۋاسىتە باغلىنىش يوق.

  بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپى، مەسىلەن، دىيابېت ئاغرىقلىرىغا ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا ئاز مىقداردا تۆۋەن GI (قان شېكىرىنىڭ ھاسىل بولۇش كۆرسەتكۈچى)لىك مېۋىلەرنى يېيىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن مېۋىدىكى ئاز مىقداردىكى تاماق تالاسى ئاساسلىق يېمەكلىكتىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى ئاستىلىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يەپ بېرىش دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.



  مېۋىنىڭ پوستىدا دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى بەك كۆپ، يېيىشكە بولمايدۇ؟

  خاتىرجەم بولۇڭ!

  كۆپچىلىك چوقۇم «ئۈزۈمنى يېگەندە شۆپۈكىنى تۈكۈرمەڭ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان، مېۋە شۆپۈكىنى زادى يېگىلى بولامدۇ؟ نۇرغۇن كىشى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىدىن ئەنسىرەپ، مېۋىنى شۆپۈكى بىلەن قوشۇپ يېمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۇدا ئېرىيدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، مېۋىلەردە سالامەتلىككە زىيانلىق ماددىلار قالمايدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى يېمەكلىكلەردىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ ئەڭ چوڭ مىقدارى»نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، قانۇن- نىزام قاتلىمىدىن دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى مىقدارىنى تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىدى، شۇڭا كۆپچىلىك دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى مەسىلىسىدىن زىيادە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

  ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مېۋە شۆپۈكىدە مېۋە ئېتىگە قارىغاندا، ئادەتتە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق تالاسى، ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىسى قاتارلىق سالامەتلىككە پايدىلىق ماددىلار بار، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پاكىز يۇيۇش شەرتى ئاستىدا، مېۋىلەر ئىچىدىكى يېگىلى بولىدىغان مېۋە شۆپۈكىنى يېيىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  مېۋىنى قانچىلىك يېسە ئەڭ مۇۋاپىق؟

  ھەر كۈنى يېرىم جىڭ، سىز ئۆلچەمگە يەتتىڭىزمۇ؟

  مېۋىنى قانچىلىك يېيىش كېرەك دېگەن مەسىلە توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن خاتا چۈشەنچە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئورۇقلاش ئېھتىياجى بار بىر قىسىم دوستلار مۇنداق قارايدۇ: مېۋىنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى، بۇنداق بولغاندا ئاساسىي يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، ئورۇقلاشقا ياردىمى بولىدۇ. ئالدى بىلەن، مېۋە- چېۋىلەرنى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەقىقەتەن ئېنېرگىيەنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق، لېكىن قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ، خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، مېۋە- چېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاساسلىقى سۇ ۋە ئاز مىقداردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت مېۋە- چېۋىلەرنىلا يېگەندە، ئاقسىل، ۋىتامىن A، B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولماي، ئەكسىچە سالامەتلىككە پايدىسىز بولىدۇ.

  يەنە بەزى دوستلار مېۋە تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، مېۋە يەپ تاماق يېمىسىمۇ ئەكسىچە سەمرىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنداق تونۇشتىكى كىشىلەر تاتلىق بىلەن سېمىزلىكنىڭ باغلىنىشىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، تاتلىق بولسا ئېنىرگىيەنىڭ يۇقىرىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېسە سەمرىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى مېۋىنى ئاساسىي يېمەكلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېنېرگىيە مىقدارى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، مېۋە يېگەندە سەمرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك كۆرسەتمىسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ مېۋە- چېۋىلەرنى تەۋسىيەلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى ھەر كۈنى 200 - 350 گىرام (يېرىم جىڭ ئەتراپىدا) بولىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ مېۋە- چېۋىلەرنى ئوتتۇرىچە قوبۇل قىلىش مىقدارى بۇ ئۆلچەمگە يېتىشتىن تېخى خېلىلا يىراق. بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا مېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلىپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.



  پەسىلسىز مېۋە ساغلام ئەمەسمۇ؟

  كۆپ خىللىقنى ساقلاش كېرەك!

  تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مېۋە- چېۋىلەرنى تاللاش دائىرىسى ھەقىقەتەن بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ. مەيلى قايسى پەسىلدە بولسۇن، ھازىر پەقەت پۇل خەجلىسىڭىزلا، ھەر قانداق مېۋىنى ھەر ۋاقىت سېتىۋالالايسىز. بولۇپمۇ نۇرغۇن ياشانغان كىشى نەۋرىلىرىگە مېۋە سېتىۋالغاندا، كۆپ پۇل خەجلەپ پەسىلسىز مېۋە سېتىۋېلىشنى خالايدۇ، نۇرغۇن كىشى پەسىلسىز مېۋە ساغلام ئەمەس دەپ قاراپ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ.

  بىز ئىستېمالچىلارنىڭ مېۋە سېتىۋالغاندا، شۇ پەسىللىك، شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مېۋە تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. پەسىلسىز مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا ھامان ساغلاملىققا پايدىسىز ئامىللار بولىدۇ دەپ قاراشمۇ توغرا ئەمەس.

  مېۋە- چىۋە، كۆكتاتتا ساغلاملىققا پايدىسىز ئامىللارنىڭ بار- يوقلۇقى تەبىئىي ئۆستۈرۈش ياكى پارنىكتا ئۆستۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، پارنىكتا مېۋە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، بارلىق يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى، يېمەكلىك خۇرۇچى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسىلا ھەم بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە ئىشلىتىلسە، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ