مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى ئىشلەتكەن شوپۇرلار تۆت خاتا قاراشتىن ساقلىنىشى كېرەك

2022.05.07 21:53 مەنبە: تىيانشان تورى



  ليۇ خانىم: مېنىڭ پىراۋا ئالغىنىمغا تۆت يىل بولدى، يېقىندا يېڭى ئاپتوموبىل ئېلىپ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىردىم، ھازىر جىددىي ئىش بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ لياۋنىڭ شېنياڭدىن لياۋنىڭ يىڭكۇغا بارماقچى بولۇۋاتىمەن، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقسام بولامدۇ؟

   (لياۋنىڭ) ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى: ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تارقىتىدىغان ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئېلىشتىن بۇرۇنقى ئاپتوموبىلنىڭ قانۇنلۇق يول يۈرۈش ئىسپاتى بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق يولغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان قەغەزلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ قانۇنىي كۈچى رەسمىي نومۇر تاختىسى بىلەن ئوخشاش، رەسمىي نومۇر تاختىسى ئالغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بىكار قىلىنىدۇ. ۋاقىتلىق نومۇر تاختىلىق ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقسا بولىدۇ، ئەمما ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىدا ئەسكەرتىلگەن يۈرۈش دائىرىسى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك.


   ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئىشلىتىلىش خاراكتېرىگە ئاساسەن تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ: مەمۇرىي قاراشلىق رايون ئىچىدىكى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى، مەمۇرىي قاراشلىق رايون ھالقىغان ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى، تەجرىبە ئاپتوموبىلى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ۋە ئالاھىدە تىپتىكى ئاپتوموبىل ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى. ئەمما، كۆپ ئۇچرايدىغىنى مەمۇرىي قاراشلىق رايون ئىچىدىكى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى (تېگى كۆك، خېتى قارا)، پەقەت شۇ شەھەر دائىرىسى ئىچىدە يۈرۈش بىلەن چەكلىنىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە مەمۇرىي قاراشلىق رايوندىن ھالقىغان ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى (تېگى قوڭۇر سېرىق، خېتى قارا) بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شەھەر ھالقىپ يول يۈرۈشىدە بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

  ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى توغرىسىدا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن خاتا قاراش بار.

   بىرىنچى خاتا قاراش: بىر قىسىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى خاتا ھالدا جەزمەن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ، نەتىجىدە يولدا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم نومۇرى خاتىرىلىنىدۇ. ئاپتوموبىلنى نومۇر تاختىسى بېجىرمىگەن ئەھۋالدا ھەيدەش مەنئى قىلىنىدۇ، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرگەندە ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بېرىش ھاجەتسىز. نۆۋەتتە توردا بېجىرىش، كۆزنەكتە بېجىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئىلتىماس قىلىش يوللىرى بار بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ.

   ئىككىنچى خاتا قاراش: ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ۋە ئىلتىماس قىلىش قېتىم سانىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىلغا تەكشۈرۈپ تارقىتىپ بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھەم ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تارقىتىپ بېرىلمەيدۇ. ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى ۋاقتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ۋاقتىدا قايتا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ياكى رەسمىي نومۇر تاختىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئىشلەتكەن ياكى رەسمىي نومۇر تاختىسى ئېلىپ بولغان بولسىمۇ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى داۋاملىق ئىشلەتكەنلەرگە قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ۋاقىتلىق نومۇر تاختىلىق ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقسا بولىدۇ، ئەمما ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىدا ئەسكەرتىلگەن يۈرۈش دائىرىسى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك.

   ئۈچىنچى خاتا قاراش: ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى چاپلىمىسىمۇ بولىدۇ. بىر قىسىم يېڭى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى خاتا ھالدا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى خالىغان يەرگە قويۇپ قويسا بولىدۇ، زۆرۈر بولغاندا ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. توغرا ئۇسۇل ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئالدى شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە ياكى ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە چاپلاپ قويۇشتۇر، شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ. ئاپتوبۇسلارنىڭ يەنە بىر نومۇر تاختىسى ئاپتوبوس ئىچىدىكى ئارقا شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە چاپلىنىشى كېرەك. ئەگەر ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى ئاسمىغان بولسا ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئاسمىغان بولسا، پىراۋىغا 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.

   تۆتىنچى خاتا قاراش: ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى چاپلىسا جازالىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. قىسمەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى «جازادىن ساقلىنىدىغان ئالتۇن مېدال» دەپ قاراپ، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى چاپلىغان مەزگىلدە ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئىزچىل يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېكامېرا، يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېسىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ، شۇڭا ھەرگىز تەلەي سىناشقا بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ