مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىڭىزمۇ؟ ئەنسىرىمەڭ!

2022.05.07 21:50 مەنبە: تىيانشان تورى

 قاراماي ئايرودۇرۇمى تەسىس قىلغان «ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغان يولۇچىلار مۇلازىمەت پونكىتى» سىزگە ياردەم بېرىدۇ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) يېقىندا، مۇخبىرنىڭ قاراماي ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، قاراماي ئايرودۇرۇمى «ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغان يولۇچىلار مۇلازىمەت پونكىتى»نى تەسىس قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن.

  ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئايروپىلان كۈتۈش زالىدىكى سۈرۈشتۈرۈش پوكىيىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بەلگە تاختىسى- «ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغان يولۇچىلار مۇلازىمەت پونكىتى» كۆپەيگەن. تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار ئالدى بىلەن «ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغان يولۇچىلار مۇلازىمەت پونكىتى»غا بېرىپ سۈرۈشتۈرسە، تىزىملاتسا بولىدىكەن، خىزمەتچى خادىملار دەل ۋاقتىدا يولۇچىلار ئۇچۇرىنى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىش ئورنى، مۇلازىمەت ئىش ئورنىدىكى خادىملارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن ھەم ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رايونىدا ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى بېجىرىش، يۈك- تاقلارنى ھاۋالىلىك توشۇش قاتارلىق ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ئالدىن بېجىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

  ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش جەريانىدا، مۇلازىمەتچى خادىملار تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلارغا «تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش مۇلازىمىتى مېھىر- شەپقەت خالتىسى» تارقىتىپ بېرىپ، تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشقا كېرەكلىك گۇۋاھنامە ۋە يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە تېگىشلىك بۇيۇملارنى ساقلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايرودۇرومنىڭ ھەر قايسى ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يولۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلارغا تېخىمۇ ئىنچىكە ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن. يۈك- تاقنى ھاۋالىلىك توشۇش ھالقىسىدا، خىزمەتچى خادىملار تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ يۈك- تاقلىرىغا ئالاھىدە بەلگە قويۇپ، بۇ يۈك- تاقلارنىڭ ئالدىن توشۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئايروپىلانغا چىقىش ھالقىسىدا، ئايروپىلان يەر يۈزى مۇلازىمەت بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىملار تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا ياردەم بەرگەندىن سىرت، ئايرودۇرۇم يەر يۈزى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يەنە ئايروپىلاندىكى مۇلازىمەتچى خادىملار بىلەن تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ ئورۇن نومۇرى، بارماقچى بولغان بېكىتى، توشۇشقا ھاۋالە قىلىنغان يۈك- تاقى بارمۇ- يوق، ئارىلىقتا ئايروپىلان ئالمىشىش ئەھۋالى ياكى بارماقچى بولغان بېكەتتە ئالدىغا ئالغىلى كېلىدىغان ئادەمنىڭ ئۇچۇرى قاتارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللار بىلەن ئۇدۇللىشىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن سىرت، قاراماي ئايرودۇرۇمىنىڭ «ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغان يولۇچىلار مۇلازىمەت»ى يەنە تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىشنى قوبۇل قىلىدىكەن، تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققان يولۇچى ئالدىن تېلىفون قىلىپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئېھتىياجلىق مۇلازىمەتلەرنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.

  يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قاراماي ئايرودۇرۇمى قارامايدىن چېڭدۇ، ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە قوش لىنىيەدە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى ھەر كۈنى بىر نۆۋەتتىن ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتكە كۆپەيتكەن. نۆۋەتتە، قاراماي ئايرودۇرۇمى بېيجىڭ، شىئەن، ئالتاي، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ