مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزنى ئاسراشنى بىلەمسىز؟

2021.11.30 22:40 مەنبە: تىيانشان تورى

سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكران. خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكرانىنى كۈچەپ باسماسلىق، خەت ئۇرۇش كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن كىرىستال لامپا ئېكرانىنىڭ ئارىسىغا نەرسە قويماسلىق لازىم. سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكران يۈزىدىكى ئېلېكتىر سىتاتىك سەۋەبىدىن ئاسانلا چاڭ – توزاننى سۈمۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكرانىنى مەخسۇس تازىلاش قەغىزى بىلەن تازىلاش، ھەرگىز قول ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن سۈرتمەسلىك لازىم.

قاتتىق دىسكا. ئىمكان بار خاتىرە كومپيۇتېرنى مۇقىم ھالەتتە ئىشلىتىپ، ئاسان تەۋرىنىدىغان ئورۇنلاردا مەشغۇلات قىلماسلىق لازىم. كومپيۇتېرنى قوزغىتىش ۋە مەشغۇلات جەريانى قاتتىق دىسكا ئەڭ نازۇك ھالەتتە تۇرغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا قاتتىق دىسكا ئوقىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى مۇقىم بولمايدۇ، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا تەۋرىنىپ كەتسە، ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېرنى قوزغاپ ئون سېكۇنتتىن كېيىن يۆتكەش لازىم. قاتتىق دىسكىنىڭ ساقلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا، قاتتىق دىسكىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم قايتا قۇراشتۇرۇش ۋە شەكىل چۈشۈرۈش لازىم.

يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ. سىرتقى يۈزى تازىلانمىغان ياكى پاختىلىشىپ قالغان يۇمشاق دىسكىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. يۇمشاق دىسكىنى قوزغاتقۇچنى تازىلاش ياپراقچىسىدا ئوقۇش ماگنىت بېشىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش لازىم.

نۇر دىسكا قوزغاتقۇچ. نۇر دىسكىنى تازىلاش ياپراقچىسىدا ئوقۇش بېشىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش لازىم. بىر قولىمىز بىلەن نۇر دىسكا قوزغاتقۇچنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىمىز بىلەن نۇر دىسكىنى نۇر دىسكا قوزغاتقۇچقا ئاۋايلاپ سېلىپ، دىسكا شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

كۇنۇپكىلىق كونترول قىلىش تاختىسى. بۇ تاختىنى ئىشلەتكەندە قول پاكىز بولۇشى، نۇر بەلگىسىنىڭ قالايمىقان قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئېھتىياتسىزلىقتىن كۇنۇپكا تاختىسىغا باشقا نەرسىلەر يېپىشىۋالسا، يۇمشاق لاتىنى ھۆلدەپ يېنىك سۈرتۈش لازىم. خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكىلىق تاختىسى ئىندۇكسىيەلىك ئېلېكتىر زاپچىسى بولۇپ، نازۇك بولىدۇ. شۇڭا، بىسلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويماسلىق، ئېغىر نەرسىلەرنى ئۈستىگە قويۇپ باسماسلىق لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ