مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇخۇم ئىستېمالىدىكى خاتا قاراشلار

2021.11.30 22:40 مەنبە: تىيانشان تورى

تۇخۇمنى قانداق ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بەرىبىر ئوزۇقلۇق تەركىبى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قاراش. تۇخۇمنى سۇدا قاينىتىش، ھوردا پىشۇرۇش، مايدا قورۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. تۇخۇمنى سۇدا قاينىتىپ، ھوردا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا %100، قورۇپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا %97، ئاز ماي بىلەن قازاندا قاقلاپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا %98، خام ئىچكەندە %50 – %30 ئەتراپىدىكى توقلۇق ماددىلىرىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭدىن، سۇدا قاينىتىپ، ھوردا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

تۇخۇم شاكىلى قانچە قېنىق بولسا، ئوزۇقلۇق تەركىبى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ دەپ قاراش. بەزىلەر قىزىل شاكاللىق تۇخۇمنىڭ ئاق شاكاللىق تۇخۇمغا قارىغاندا ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق. تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى مېكىيانلارنىڭ تۈرى ۋە سورتىغا ئاساسەن ھەر خىل بولىدۇ. تەجرىبىلەر، قىزىل شاكاللىق تۇخۇم تۇغىدىغان مېكىيان بىلەن ئاق شاكاللىق تۇخۇم تۇغىدىغان مېكىيانلار ئوخشاش شارائىتتا بېقىلغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇخۇملىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. لېكىن قەپەستە بېقىلغان مېكىيان بىلەن يايلاقتا بېقىلغان مېكىيانلارنىڭ تۇخۇمىدا پەرق بولىدۇ.

تۇخۇمنى ئۇزاق ۋاقىت قاينىتىپ پىشۇرۇش. تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرغاندا شاكىلىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇخۇمنى پاكىز سۇدا بىر نەچچە قېتىم يۇيغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇ قۇيۇلغان قاچىغا سېلىپ بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ سەككىز، توققۇز مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭدىن ئۇزاق قاينىتىۋەتكەندە، تۇخۇم سېرىقىدىكى تۆمۈر ئىيونى بىلەن گۈڭگۈرت ئىيونى خىمىيەلىك رىياكسىيە پەيدا قىلىپ، گۈڭگۈرتلۈك تۆمۈر قېتىشمىسىنى ھاسىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

تۇخۇمنى قورۇغاندا تەم تەڭشىگۈچ قوشۇش. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا گىلۋتامىن كىسلاتاسى بىلەن خىلورلۇق ناترىي بولۇپ، تۇخۇم قورۇلۇپ ئىسسىغاندىن كېيىن، تەركىبىدىكى ئىككى خىل ماددا بىرىكىپ، يېڭى ماددا گىلۋتامىتنى تۈزىدۇ، ئۇ ماددا تەم تەڭشىگۈچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، خۇش پۇراق ۋە تەبىئىي ھالدا مەززىلىك بولىدۇ. ئەگەر تۇخۇمنى قورۇغاندا يەنە تەم تەڭشىگۈچ قوشۇلسا، تۇخۇمنىڭ تەبىئىي خۇش پۇراق ۋە مەززىلىك تەمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شۇڭا، تۇخۇم قورۇغاندا تەم تەڭشىگۈچ قوشماسلىق كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ