مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغىلى بولامدۇ؟

2021.11.30 22:39 مەنبە: تىيانشان تورى

نۆۋەتتە نۇرغۇن جايدا ئىشىكتىن كىرىشتىن بۇرۇن ياندا ئېلىپ يۈرگەن سومكا قاتارلىق يۈك – تاقلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ X نۇرى رادىياتسىيەسى ئارقىلىق بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ماشىنىدىن ئۆتكەن يېمەك – ئىچمەكلەردە رادىياتسىيە قالدۇقلىرى قالامدۇ، ئۇلارنى يەنە ئىستېمال قىلىشقا بولامدۇ؟
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىخەتەرلىك ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مېۋە – چىۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەردە X نۇرى رادىياتسىيەسىنىڭ قالدۇقلىرى قالمايدىكەن، شۇڭا كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ رادىياتسىيە مىقدارى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: رادىياتسىيە ماشىنىلىرىنىڭ بەزىلىرى كۈچلۈك، بەزىلىرى ئاجىز بولىدۇ، ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، بىراق ھەممىسىلا چوقۇم بىخەتەرلىك چېكى ئىچىدە بولىدۇ. بارلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ ‹‹ئىيونلۇق رادىياتسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە رادىياتسىيە مەنبەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئاساسىي ئۆلچىمى››، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاتوم رادىياتسىيە ئېففېكتى ئىلىم – پەن كومىتېتى قاتارلىق ئالتە نوپۇزلۇق خەلقئارالىق ئورگاننىڭ ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا نىسبەتەن بىخەتەر دېيىشكە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ