قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، يوللار تېيىلغاق، تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپرەك بولغاچقا، ئاپتوموبىللاردا كاشىلىلار كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا قىش پەسلىدە ئاپتوموبىللاردا كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارقايسىلار؟
1. ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇش تەس بولۇش. ئاپتوموبىل باتارېيەسىدىكى توكنىڭ يېتىشمەسلىكى ئاپتوموبىل موتورىنىڭ تەستە قوزغىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى. ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندا، بىرىنچى قېتىم ئوت ئالمىسا ئارقىدىن دەرھاللا ئوت ئالدۇرماستىن ئاز دېگەندە 30 سېكۇنتتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئوت ئالدۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا باتارېيە توكىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2. ئىسسىق ھاۋا بېسىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى. ئىسسىق ھاۋا بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئاپتوموبىل ھاۋا تەڭشىگۈچى ئىچىدىكى سۈزگۈچ قەۋەتنىڭ پاكىز بولماي ھاۋا ئۆتۈشمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. شۇڭا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزگۈچىنى پات – پات تازىلاپ تۇرۇشى كېرەك.
3.بالوننىڭ يېلى ئاز بولۇپ قېلىشى. قىش پەسلىدە بالون سوغۇقتا ئاسان قېتىپ، قاتتىق، چۈرۈك بولۇپ، سۈركىلىشچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا ئاسان يەل قاچىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قىش پەسلىدە قىشلىق بالوننى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، بالونىنىڭ يېلىنى پات – پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
4.قىش پەسلىدە ئاپتوموبىلنى ئۇزاق مەزگىل ھەيدىمەسلىك. بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قىشتا يول تېيىلغاق، يول يۈرۈش قولايسىز دەپ، ئاپتوموبىلىنى ھەيدىمەيدۇ. قىشتا ئاپتوموبىلنى ھەيدىمەسلىكنى ئويلاشقان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلىنى پات – پات ئوت ئالدۇرۇپ، ئورنىدىن يۆتكەپ قويۇشى كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ