مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى قانداق يېگەندە ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟

2021.09.01 00:05 مەنبە: تىيانشان تورى

تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردە ساقلىنىۋاتقان بىرىنچى مەسىلە- بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ناترىي زىيادە كۆپ بولىدۇ. بۇنداق يۇقىرى تەركىبتىكى ناترىي مىقدارىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا بولغان خەتىرى خېلى چوڭ.

ئىككىنچى مەسىلە-تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ياغ مىقدارى زىيادە كۆپ ، چۈنكى گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ياغ مىقتارى ئاز بولغاندىمۇ %20 تىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى «گۆشلۈك يېمەكلىك بىلەن گۆشسىز يىمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش». ئالدى بىلەن تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى بىردىنبىر ئاساسلىق تاماق قىلىۋالماسلىق كېرەك. ئىككىنچىدىن، تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى پىشۇرغاندا ئازراق كۆكتات قوشۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ياغنىڭ، ناترىينىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە غىزالاردىكى تالالار، كۆپ تۈردىكى ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىمۇ تولۇقلىغىلىمۇ بولىدۇ.

توڭلىتىلغان گۆشنى يېمەكچى بولغاندا، ئىسسىق سۇ بىلەن تېز سۈرئەتتە ئېرىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئىسسىق سۇ بىلەن توڭلىتىلغان گۆشنى ئېرىتمەكچى بولغاندا، توڭلىتىلغان گۆش تەركىبىدىكى ياغ بىلەن ۋىتامىن ئېقىپ كېتىدۇ ھەم گۆشنىڭ ساپلقىمۇ يوقاپ كېتىدۇ.

توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا بىرىنچىدىن، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك. يەنى ئورالمىغا يېزىلغان زاۋۇتتىن چىقىش ۋاقتىغا قاراپ، ئامال بار تېخى زاۋۇتتىن يېڭىلا چىققان توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى تاللاش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاي ئىچىدىكى مەھسۇلات بولۇشى كېرەك. ياغ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولغان يېمەكلىكنىڭ ساپلىق دەرىجىسىگە شۇنچە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەھسۇلاتنىڭ ھالىتىگە قاراش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ