مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان ئالما ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ

2021.09.01 00:05 مەنبە: تىيانشان تورى

ئالمىدا تاننىك كىسلاتا ۋە پېكتىن (مېۋە يېلىمى) مول بولىدۇ. تاننىك كىسلاتا چوڭ تەرەتنىڭ سۇ تەركىبىنى ئازايتىدىغان بولغاچقا، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئالمىدىكى پېكتىن (مېۋە يېلىمى) پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، باكتېرىيە ۋە توكسىنلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. تاننىك كىسلاتا ئالما ئېتىدە، بولۇپمۇ ئالما پوستىدا ناھايىتى مول بولىدۇ، پېكتىن (مېۋە يېلىمى) بولسا ئالما ئېتىنىڭ پوستىغا يېقىن قىسمىدا مول بولىدۇ، شۇڭا سۇدا قاينىتىپ ئالما پىشۇرغان چاغدا ئالمىنى ئاقلىماسلىق كېرەك.

سۇدا قاينىتىپ ئالما پىشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى: بىر دانە ئالمىنى پوستى ۋە ئۇرۇقلىرى بىلەن بىللە ئۇششاق توغراپ سۇدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە قاينىتىپ ئىلمان بولغاندا يېسە بولىدۇ، كۈندە ئىككى – ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرام ئەتراپىدا يەپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ. قومۇش شېكىرى (ساخاروزا) ئىچ سۈرۈشنى ئېغىرلىتىدۇ، شۇڭا ئالما پىشۇرغان چاغدا قومۇش شېكىرى قوشماسلىق كېرەك. ئالمىنى پىشۇرماي يېگەندە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئىچ سۈرۈشنى ئېغىرلىتىپ قويۇشى مۇمكىن، چۈنكى پىشمىغان پېكتىن (مېۋە يېلىمى) نىڭ چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، قەۋزىيەتنى يەڭگىللىتىش رولى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ