مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر

2021.09.01 00:04 مەنبە: تىيانشان تورى

سامساق ئاقلاش بەك قول تۇتىدىغان ئاۋارىچىلىق بىر ئىش. شۇڭا، سامساقنى ئىسسىق سۇغا3 -2مىنۇت چىلاپ ئاندىن ئاقلىسا ئاسان ئاقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدىلا كۆپرەك سامساق ئاقلاشقا توغرا كەلسە، سامساقلارنى ئەمبەلگە قويۇپ، قىڭراق بىلەن بوش ئۇرسا پوستى بوشاپ ئاسان ئاقلىغىلى بولىدۇ.

پىياز توغراشتىن ئاۋۋال، پىيازنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش قەۋىتىگە يېرىم سائەت سېلىپ قويۇپ ئاندىن توغرىساق كۆزدىن ياش چىقارمايدۇ.

ھاۋا سوغۇق بولسا خېمىر بولدۇرۇش ناھايىتى تەس بولىدۇ. بۇنداق چاغدا خېمىرغا ئازراق ئاق شېكەر سېلىۋەتسىڭىز خېمىر ئاسان بولىدۇ.

ھورنان ئۇزاق تۇرۇپ قالغاندا ھەم قاتتىق ھەم قۇرغاق بولۇپ قالىدۇ. ئۇنى ئىسىتماقچى بولغاندا ھورنان ئۈستىگە ئازراق سۇ سېپىپ، ئاندىن ئىسىتسا ھورنان يېڭى ۋاقىتتىكىدەك يۇمشاق ھەم يېيىشلىك بولىدۇ.

ئاياللار قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، سوپۇن قاتارلىق ئىشقارلىق ماددىلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا قول تېرىسى ئاسانلا يىرىكلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بىر قانچە تېمىم لىمون سۈيى ياكى ئاچچىقسۇنى قولغا سۈرسە، تېرىدە قېپقالغان ئىشقارلىق ماددىلار چىقىپ كېتىدۇ. ئاندىن قولنى يۇمشىتىش مېيىنى سۈرۈۋالسىلا بولىدۇ.

تەركىبىدە ۋىتامىن E بولغان ئوزۇقلۇق مېيى بىلەن تىرناقنىڭ ئەتراپى ھەم تىرناقنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ئەتتىكەن يوقايدۇ ھەم تېرە يۇمشايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ