تاماق يەپ بولۇپلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ
بەزى كىشلەر تاماق يەپ بولۇپلا ياكى تاماق يەۋېتىپ چاينىڭ ئورنىدا سوغۇق ئىچىملىك (كولا ، گازلىق سۇ) ئىچىدۇ. بۇ ناچار ئادەت بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا زىيانلىق. تاماق يېگەن چاغدا يېمەكلىكنىڭ غىدىقلاش تەسىرىدە ئاشقازان كۆپلەپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، سوغۇق ئىچىملىك تەركىبىدىكى كاربوناتلىق بىرىكمىلەر ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرلىشىپ كۆپلەپ كاربون تۆت ئوكسىد ھاسىل قىلىپ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئاشقازان كېسلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، تاماق يەپ بولۇپلا ياكى تاماق يەۋېتىپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك، زۆرۈر بولسا چاي ياكى قايناقسۇ ئىچىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ