مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارنىك تۇپرىقىنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى

2021.09.01 00:03 مەنبە: تىيانشان تورى

پارنىك تۇپرىقىنىڭ قانداق بولۇشى كۆكتاتنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا پارنىك تۇپرىقىنى ياخشىلاشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئورگانىك ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش: پارنىك كۆكتاتلىرىنى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلىغاندا، ھوسۇل ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرگىلى بولىدۇ. تۇپراقتا نىترات كىسلاتا قاتارلىقلار توپلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئورگانىك ئوغۇتنى تولۇق چىرىتىپ ئىشلىتىش، ئوغۇتنى پارنىك ئىچىگە ئۇزاق ۋاقىت دۆۋىلەپ قويماسلىق كېرەك.

2. ئورگانىك ئوغۇت بىلەن خىمىيەۋى ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىش: يوپۇق يېپىپ بولغاندىن كېيىن ئوغۇتلاش بىر قەدەر قىيىن بولغاچقا، ئاۋۋال ئاساسىي ئوغۇتنى يېتەرلىك ھەم تەكشى چېچىپ، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، تىرنىلاپ، تاختىلارغا ئايرىپ، ئاندىن يوپۇق يېپىش، ئارىلىقتا ئوغۇتلىماسلىق لازىم. تولۇق چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا، تۇپراقنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

3. تۇپراق نەملىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەش: ھەر خىل كۆكتاتلارنىڭ تۇپراق نەملىكىگە بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. تېيىز يىلتىزلىق كۆكتاتلار، مەسىلەن: تەرخەمەك، مۇچ، كەرەپشە، كۈزلۈك يېسسىۋېلەك، چېچەكسەي قاتارلىق كۆكتاتلار نەمخۇش تۇپراقتا بىر قەدەر ياخشى ئۆسىدۇ. شۇڭا سۇغىرىش قېتىم سانى ۋە مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چوڭقۇر يىلتىزلىق كۆكتاتلار، مەسىلەن: شوخلا، سەي كاۋىسى، تۇرۇپ، چامغۇر، قوغۇن – تاۋۇز قاتارلىقلار قۇرغاقچىلىققا بىر قەدەر چىداملىق كېلىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر ئازراق سۇغىرىش كېرەك. كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى تۇپراق نەملىكىگە بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مايسا مەزگىلىدە يىلتىز سىستېمىسىنىڭ سۈمۈرۈش مىقدارى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تۇپراقنى پات – پات كولتىۋاتسىيە قىلىپ، مۇۋاپىق نەملىكنى ساقلاش كېرەك. تۈپلىنىش مەزگىلىدە سۇنى تىزگىنلەپ، مايسا ئولتۇرغۇزۇپ، يىلتىز تارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مېۋىلەش مەزگىلىدە پات – پات سۇغىرىپ، تۇپراق نەملىكىنى ساقلاش، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق كۆكتاتلارنى كۆپ سۇغارماسلىق كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ