مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قوزىلارغا سۈت بەرگەندە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

2021.09.01 00:03 مەنبە: تىيانشان تورى

قوي باقمىچىلىقىدا ساغلىقلارنىڭ ئورۇق، ئاجىز بولۇشى، كۆپ كېزەكلەش ياكى تۇغۇت جەريانىدىكى كېسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارغا سۈت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئانا سۈتى يېتىشمىگەن ياكى سۈتسىز قالغان قوزىلارغا سۈت بەرگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندا، قوزىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، باقمىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

1. سۈت بېرىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. قوزىلارغا سۈت بېرىش ئۇسۇلى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭدا سۈت بوتۇلكىسى بىلەن سۈت بېرىش ئۇسۇلى بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا سۈتنى ئېمىزگۈلۈك سۈت بوتۇلكىلىرىغا قاچىلاپ، ئېمىزگۈنىڭ ئۇچىغا ئازراق شېكەر سۈركەپ، قوزىلارنىڭ ئاغزىغا بىر قانچە قېتىم تەگكۈزگەندە قوزىلار ئېمىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغاندا قوزىلارنىڭ سۈتنى كۆپ ئىچىۋېلىشىدىن، سۈتنىڭ نەپەس يولىغا كېتىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2. بېرىلىدىغان سۈتنىڭ مىقدارى ۋە سۈت بېرىش قېتىم سانىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارغا ھەر ئۈچ سائەتتە بىر قېتىمدىن كۈنىگە تۆت – بەش قېتىم ئېمىتىش، ھەر قېتىمىلىق سۈت مىقدارى 150 – 200 گىرام ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك. قوزىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سۈت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، قېتىم سانى ئازايتىلسا بولىدۇ. بىراق قوزىغا بىر كۈندە بېرىلىدىغان سۈت مىقدارى قوزا ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ %20تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قوزا 40 كۈنلۈك بولغىچە سۈت بېرىش، ئۇنىڭدىن كېيىن سۈت مىقدارىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، باشقا يەم – خەشەكلەرنى كۆپەيتىش كېرەك.

3. سۈت تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىم، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتە قوزىلارغا بېرىلىدىغان سۈت يېڭى، تېمپېراتۇرىسى 38 – 40 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. سۈت تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولسا ئاشقازان، ئۈچەي، نەپەس يولى كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ